ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلىق خۇش خەۋىرىنى قەلەم-سىياھ بىلەن يەتكۈزۈش

2019.07.18 16:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 16-كۈنى، شەنشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچىسى گېڭ جېڭ (سولدىن بىرىنچى) قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى يازماقتا.

  شۇ كۈنى شەنشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2019-يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى يېزىش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى. بۇ مەكتەپ 2007-يىلىدىن باشلاپ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى موي قەلەم بىلەن يېزىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا خۇش خەۋەر يەتكۈزدى. سىياھنىڭ خۇش پۇرىقى بىلەن تولغان بىر پارچە قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشى تورداشلار تەرىپىدىن «ئوقۇش باشلاشتىكى ئەڭ ياخشى بىرىنچى دەرس» دەپ ئاتالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ