«مۇزىكا ئارزۇيۇمنى قاناتلاندۇردى»___ چاقلىق ئورۇندۇقتىكى كوتو چالىدىغان قىز

2019.07.18 16:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 15-كۈنى، خېجىن شەھەرلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا، ۋاڭ ۋېنجو مۇزىكا كېچىلىكىدە ئەنئەنىۋى ۋە كىلاسسىك مىللىي چالغۇ كوتو بىلەن مۇزىكا ئورۇنلىماقتا.

  شۇ كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى خېجىن شەھەرلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاڭلىتىش زالىدا، ۋاڭ كەيخۇڭ قىزىنى كوتو يېنىدىكى ئورۇندۇققا كۆتۈرۈپ ئولتۇرغۇزۇپ، بىر تال يىپەك لېنتا بىلەن ئۇنى ئورۇندۇققا چىڭ باغلاپ قويدى. چىراغ نۇرى غۇۋالىشىشقا باشلىدى، مۇزىكا ئاۋازى ياڭرىدى، ۋاڭ كەيخۇڭ سەھنىنىڭ يېنىغا جىمجىت چېكىندى، بىر مەيدان ئەنئەنىۋى ۋە كىلاسسىك مىللىي چالغۇلار مۇزىكا كېچىلىكى باشلاندى.

  سەھنىدە كوتو چېلىۋاتقان بۇ قىزنىڭ ئىسمى ۋاڭ ۋېنجو بولۇپ، سەنشى ئۆلكىسى خېجىن شەھىرى سېڭلۇ بازىرى شۈخۇڭ كەنتىدىن. ئۇ ئالتە ياش ۋاقتىدا بىر قېتىملىق تاسادىپىي ھادىسىدە ئۇنىڭ ئومۇرتقا تۈۋرۈكى زەخىملىنىپ، پالەچ بولۇپ قالغان ئىدى. ۋاڭ ۋېنجونىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئېلىپ تەرەپ-تەرەپكە بېرىپ، پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىپ داۋالاتقان بولسىمۇ، كېسەللىك ئەھۋالىدا باشتىن-ئاخىرغىچە ئۆزگىرىش بولمىدى. 2017-يىلى، باشلانغۇچ مەكتەپنى چىداشلىق بېرىپ ئوقۇپ بولغان ۋاڭ ۋېنجو سالامەتلىك سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن چېكىنىپ، ئۆيىگە قايتىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇ ئۆيىدە تېلېۋىزور كۆردى، رادىيو ئاڭلىدى، بارا-بارا مۇزىكىغا قىزىقىپ قالدى.

  خېجىن شەھىرىدىكى بىر كوتو تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ ۋېنجونىڭ قەيسەرلىكى ۋە ئۈمىدۋارلىقىدىن تەسىرلىنىپ، ئۇنىڭغا كوتونى ھەقسىز ئۆگەتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن قەھرىتان قىش، تومۇز ئىسسىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ۋاڭ ۋېنجونىڭ ئاتا-ئانىسى ھەر كۈنى قىزىنى ئېلىپ، كەنتتىن تەخمىنەن 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كوتو تەربىيەلەش مەركىزىگە بېرىپ، مۇزىكا چېلىشنى ئۆگەتتى.

  ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆگىنىش ئارقىلىق، ۋاڭ ۋېنجو كوتو چېلىش ماھارىتىنى پىششىق ئىگىلەپ، چېلىش سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈردى. 2019-يىلى ۋاڭ ۋېنجونىڭ پىكرىنى ئالغاندىن كېيىن، كوتو تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۇنى ئېلىپ سىرتلاردا ئويۇن قويۇشقا، كوتو مۇسابىقىلىرىغا قاتناشتۇردى. سەھنىدە ۋاڭ ۋېنجونىڭ ئىشەنچكە تولغان نادىر نومۇرلىرى كۆرۈرمەنلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

  «كوتو مەشىق قىلغاندا، مەن سەھنىدىكى ھالىتىمنى ئويلايمەن، بۇ مېنى تېخىمۇ ئىشەنچكە ئىگە قىلىدۇ، شۇنداقلا مېنىڭ تۇرمۇشتا غەيرەتكە كېلىشىمگە ياردەم بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ