مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركەز «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى

2019.07.18 16:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەركەزنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «<ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> باش تېما تەربىيەسىدە مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، جايلار، تارماقلار، ئورۇنلاردىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسىلىلەرگە توغرا قاراش ئاڭلىقلىقى ۋە پىچاق بىسىنى ئىچىگە قارىتىش جاسارىتى بىلەن مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىدە كۆرسىتىلگەن سەككىز جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى ئاساسىي تېما تەربىيەسىدە سەككىز جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىنى مەخسۇس تۈزەش بولسا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھازىر قىلىۋاتقان ئىشقا بىرلەشتۈرۈپ، دىققەتنى پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ چىقارغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما، ئاساسىي تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر. جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئورۇنلار ئالدى بىلەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «كۆرۈنۈشتە ئەمەل قىلىپ، ئاستىرتتىن خىلاپلىق قىلىش» قاتارلىق بەش جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەشكە بولغان تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەھەر، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك ئورۇنلاردىكى ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق ئۈچ جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى تۈزەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مەسىلە تىزىملىكىنى بىر-بىرلەپ تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، سەۋەبىنى ئۆزىدىن ئىزدەپ، تۈزىتىشنى چىڭ تۇتۇشى؛ ئىككىنچى تۈركۈمدىكى ئىدارىلەر ئاۋۋال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئۆزگەرتىشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ