مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مالىيە مىنىستىرلىقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نۇقتىلىق خىزمەت ۋە قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى

___ ياخشى پولات پىچاق بىسىغا ئىشلىتىلگەندەك نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى جايىغا ئىشلىتىلىشى كېرەك

2019.07.18 16:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە تارمىقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە مەسئۇلىيىتىنى قانداق ئادا قىلىدۇ؟ مالىيەنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى «ياخشى پولات پىچاق بىسىغا ئىشلىتىلگەندەك» جايىغا ئىشلىتىلدىمۇ؟ يېقىندا مالىيە مىنىستىرلىقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئېنىق ھېساباتنى ئېلان قىلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەركەز مالىيەسى نامرات رايونلارغا ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىم قىلىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. 2019-يىلى مەركەزنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغىدىن 126 مىليارد 100 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۇدا تۆت يىل يىلىغا 20 مىليارد يۈەن ساپ ئاشۇرۇلدى.

  مالىيە مىنىستىرلىقى مەبلەغنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، دەسلەپكى قەدەمدە نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ھەرىكەت ھالىتىدە نازارەت قىلىش سۇپىسىنى قۇردى. نۆۋەتتە، 28 ئۆلكىدە نازارەت قىلىش سۇپىسى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولدى، 330 نەچچە ۋىلايەت، شەھەر، 2900دىن ئارتۇق ناھىيە (رايون)دە توردا مەشغۇلات قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  ئۈنۈمنى باشقۇرۇش جەھەتتە، ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىدە «پۇل خەجلىگەندە ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈش، ئۈنۈمسىز بولسا جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش»تىن ئىبارەت باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورناتتى. 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە 28 ئۆلكىدە 110 مىڭ نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدە ئۈنۈم نىشانىنى تولدۇرۇپ يوللاش خىزمىتى تاماملاندى. 2019-يىلى 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا، نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى باھالاش خىزمىتى پۈتۈنلەي تاماملاندى.

  مەجبۇرىيەت مائارىپى جەھەتتە، 2019-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، ياتاقتا يېتىپ ئوقۇمايدىغان، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. 2019-يىلى نامرات رايونلاردىكى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئوزۇقلۇق ياردەم پۇلى بېرىش ئۆلچىمى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا كۈنىگە تۆت يۈەن قىلىپ بېكىتىلدى.

  ئاساسىي داۋالىنىش جەھەتتە، مەركەز مالىيەسى ئاساسلىقى داۋالىنىش، قۇتقۇزۇش ياردەم مەبلىغى ئارقىلىق نامرات ئاھالىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىغا ياردەم بېرىدۇ ھەمدە شارائىتقا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوبيېكتىنىڭ شەخسىي داۋالىنىش خىراجىتىغا ياردەم پۇلى بېرىدۇ. 2016-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە، مەركەز مالىيەسى 88 مىليارد 996 مىليون يۈەن داۋالاش-قۇتقۇزۇش ياردەم مەبلىغى ئاجراتتى.

  تۇرالغۇ بىخەتەرلىكى جەھەتتە، 2019-يىلى مالىيە مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە يەنە ئېشىپ قالغان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەر قاتارلىق تۆت تۈرلۈك نۇقتىلىق ئوبيېكتلارنىڭ خەتەرلىك ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى بىر قېتىمدىلا تولۇق چۈشۈرۈپ، جايلاردىن 2020-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تولۇق پۈتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئۈچ ۋىلايەت، ئۈچ ئوبلاست» قاتارلىق ئېغىر نامرات رايونلاردىكى تۆت خىل نۇقتىلىق ئوبيېكتلارنىڭ خەتەرلىك ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىش ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى مەملىكەت بويىچە ھەر بىر ئائىلىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 14 مىڭ يۈەن بېرىش ئاساسىدا يەنە ھەر بىر ئائىلىگە 2000 يۈەن ئۆستۈرۈلدى.

  ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى جەھەتتە، «13-بەش يىللىق يىرىك پىلان» مەزگىلىدە، مەركەز مالىيەسى مەركەزنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش سېلىنمىسى ئارقىلىق 22 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى قوللىدى، مۇشۇ ئاساستا، 2019-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىغا يەنە داۋاملىق 6 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئېغىر نامرات رايونلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ۋە ئىچىملىك سۇ فتورى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلماقچى بولدى. 2019-يىلى مەركەز مالىيەسى سۇچىلىق تەرەققىيات مەبلىغى ئارقىلىق 1 مىليارد 450 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ قۇرۇلۇشىنى رېمونت قىلىش، ئاسراشنى تۇنجى قېتىم مەركەز مالىيەسىنىڭ ياردەم پۇلى دائىرىسىگە كىرگۈزدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ