تۇنجى تۈركۈمدىكى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلماقتا. باش شۇجى شى جىنپىڭ 7- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە ئىچكى موڭغۇلغا بېرىپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
7- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتە، باش شۇج شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتىگە بېرىپ، تەبىئىي بايلىق نازارىتىنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە يېتەكچىلىك قىلدى.
پارتىيە ئەزالىرى پائالىيەت ئۆيىنىڭ تېمىدا،ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتىنىڭ ئاساسىي تېما تەربىيەسى ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە كونكرېت قەدەم باسقۇچلىرى نامايەن قىلىنغان. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆگىنىش ۋە تەربىيە، ئۇ بىر باشلىنىش بولۇپلا قالماسلىقى كېرەك، بەلكى ئۇنى باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈلۈپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز رەۋىشتە تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.
ئۇزۇن ئۈستەل ئۈستىگە بىر قاتار مۇناسىۋەتلىك ئۆگىنىش ماتېرىياللىرى ۋە پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەت خاتىرىسى قويۇلغان. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن ئاساسلىقى ئەمەلىي ئۈنۈمگە قارايمەن، ھۆججەتنىڭ ئاچقۇچى ئىجرا قىلىشتا. قانۇن-نىزام ۋە تۈزۈملەرنى ئىجرا قىلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك، ھۆججەت تارقىتىلغاندىن كېيىن تامغا ئېسىپ قويۇش ياكى ئارخىپ ئىشكاپىغا دۆۋىلەپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.
باش تېما تەربىيەسىنىڭ يۆنىلىشى ناھايىتى ئېنىق بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، شەكىلۋازلىق ۋە بيۇروكراتچىلىقتىن قاتتىق ساقلىنىشتۇر.
بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگىنىگە 70 يىل بولغانلىق بىر يىل. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ ۋاقىتتا، بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش دەل ۋاقتىدا بولدى.
(تولۇق تېكىستىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى ئېچىپ تەكشۈرۈڭ)
مەنبە: خەلق تورى