مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۆت تارماق نامراتلارنى يۆلەشتىكى ئاز سوممىلىق كرېدىتنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇردى

2019.07.18 15:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 17- چېسلا جۇڭگو بانكا سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بانكا سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، خەلق بانكىسى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى يېقىندا بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، نامراتلارنى يۆلەشتىكى ئاز سوممىلىق كرېدىتقا ئائىت نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك نۇقتىلىق خىزمەتنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «جۇڭگو بانكا سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسى، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتىكى ئاز سوممىلىق كرېدىتنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»دا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: نامراتلارنى يۆلەشتىكى ئاز سوممىلىق كرېدىت سىياسىتىدە چوقۇم «50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولۇش، 3 يىل ئىچىدە بولۇش، كېپىللىكنى كەچۈرۈم قىلىش، رەنىنى كەچۈرۈم قىلىش، تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز بېرىش، مالىيە ياردەم ئۆسۈمى، ناھىيە قۇرۇلۇشى خەۋپ-خەتەر تولۇقلىما پۇلى» قاتارلىقلارنىڭ سىياسەت مۇھىم نۇقتىسىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەشتىكى ئاز سوممىلىق كرېدىت ئارقىلىق قوللاش ئوبيېكتى قىلىنغانلار چوقۇم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئوبيېكتى قىلىنىپ ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان ۋە كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك، قەرز ئالغۇچىنىڭ يېشىنىڭ يۇقىرى چېكىنى 65 ياشقا كېڭەيتىشكە بولىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا نامراتلارنى يۆلەشتىكى ئاز سوممىلىق كرېدىتنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى تەكىتلەندى. ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان ۋە كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتىكى ئاز سوممىلىق كرېدىت مەبلىغى ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرۇش كېرەك. ئائىلىلەر قەرز ئېلىش، ئائىلىلەر ئىشلىتىش ۋە ئائىلىلەر قايتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، ئۇنى نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇشىغا دەل جايىدا ئىشلىتىش كېرەككى، غەيرىي ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك چىقىمغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، يېڭىدىن تارقىتىلىدىغان نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق كىرېدىتىنى پايدا تەقسىملەش، قەرزنى باشقىلارغا بېرىش ۋە كۆرسەتكۈچ ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كارخانا ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئىشلىتىشىگە تاپشۇرۇشنى داۋاملىق مەنئى قىلىش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن قەرزنى پۇختا بىر تەرەپ قىلىپ، قەرز قايتۇرۇش مۇددىتىگە مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇش تەلەپ قىلىندى. خەۋپ-خەتەر تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەۋپ-خەتەر تولۇقلىما پۇلى كۆلىمىنى ئىلمىي ۋە مۇۋاپىق بېكىتىپ، خەۋپ-خەتەر تولۇقلىمىسىنى يولغا قويۇش شەرتى ۋە تەرتىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىندى. گەرچە تارقىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇشىغا بىۋاسىتە ئىشلەتمىگەن "نامراتلارنى يۆلەش ئاز سوممىلىق كىرېدىتى"نى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھېساب دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ئىش تەقسىماتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، نامراتلارنى يۆلەشتىكى ئاز سوممىلىق كىرېدىتنىڭ سۈپىتى، قەرەلى ئۆتۈپ كەتكەن قەرزنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى يەرلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يىللىق مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، نامراتلارنى يۆلەشتىكى ئاز سوممىلىق كىرېدىت خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى قەرەللىك تۈردە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ