مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2 – نۆۋەتلىك تۇنجى تۈركۈمدىكى مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ھەممىسى ئورۇنلىشىپ بولدى

سەككىز نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئايرىم – ئايرىم ھالدا شاڭخەي، فۇجيەن، خەينەن، چۇڭچىڭ، گەنسۇ، چىڭخەي ۋە ۋۇكۇاڭ، جۇڭخۇاغا كىرىپ ئورۇنلاشتى

2019.07.17 16:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17 – ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 7 – ئاينىڭ 16 – كۈنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، 2 – نۆۋەتلىك تۇنجى تۈركۈمدىكى مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ھەممىسى ئورۇنلىشىپ بولغان. قۇرۇلغان سەككىز مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئايرىم – ئايرىم ھالدا شاڭخەي، فۇجيەن، خەينەن، چۇڭچىڭ، گەنسۇ، چىڭخەي قاتارلىق ئالتە ئۆلكە (شەھەر) ۋە جۇڭگو ۋۇكۇاڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىبارەت ئىككى مەركەز كارخانىسىدا ئورۇنلىشىپ نازارەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن. 7 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن 20 – كۈنىگىچە، سەككىز نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئامما پاش قىلغان خەت، تېلېفوندىن 809نى قوبۇل قىلىپ، رەتلەپ، تەكرارلانغانلىرىنى بىرلەشتۈرگەندىن كېيىن، نازارەت قىلىنىدىغان ئوبيېكتنىڭ 569ىنى بېجىرىشكە يوللىغان.

  ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، 2 – نۆۋەتلىك تۇنجى تۈركۈمدىكى مەركەز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش ۋاقتى بىر ئاي بولىدىكەن. كىرىپ ئورۇنلىشىش مەزگىلىدە، ھەرقايسى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىلىرى ئايرىم – ئايرىم ھالدا مەخسۇس دىجورنىلىق تېلېفونى ۋە پوچتا خەت ساندۇقى تەسىس قىلىپ، نازارەت قىلىش ئوبيېكتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش جەھەتتە كەلگەن پاش قىلىش خېتى، پاش قىلىش تېلېفونىنى قوبۇل قىلىدىكەن، پاش قىلىش تېلېفونىنى قوبۇل قىلىش ۋاقتى ھەر كۈنى سائەت 8دىن 20گىچە بولىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ