مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە، قازاقچە-خەنزۇچە قوش تىلدا نەشر قىلىنغان سېلىشتۇرما نۇسخىلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى

2019.07.17 16:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: («جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدىن ئەركىن ئەبەيدۇللا خەۋىرى) «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى تەرىپىدىن خەنزۇ، موڭغۇل، ئۇيغۇر، قازاق، چاۋشيەن، ئىنگلىز تىللىرىدا نەشر قىلىنىپ كەلگەن؛ 2001-يىلىدىن باشلاپ، ژۇرنال نامى ئىلگىرىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقى»دىن «جۇڭگو مىللەتلىرى»گە ئۆزگەرتىلگەن. بۇ ژۇرنالنىڭ ئۇيغۇرچە، قازاقچە نۇسخىلىرى 1988-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان 30 يىلدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت ئوقۇرمەنلەرگە ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ، ھەر ساھەنىڭ قوللىشى ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشىپ كەلدى.

  1988-يىلى «مىللەتلەر ئىتتىپاقى» دېگەن نام بىلەن دۇنياغا كېلىپ، پارتىيەمىزنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ھەمدە دۆلەتنىڭ قانۇن- نىزاملىرىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ، مىللەتلەرگە ئائىت تۈرلۈك سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىپ، نادىر ماقالە-ئەسەرلەر ئارقىلىق ئېلىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشى ۋە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشۇپ كەلدى. «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى 2019-يىللىق 1- سانىدىن باشلاپ «سېلىشتۇرما نۇسخا» شەكلىدە قوش تىلدا نەشر قىلىنىپ، 7- ئايغىچە ئۈچ سان ژۇرنال ھەر مىللەت ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

  دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، دۆلەتلىك ئاخبارات-نەشرىيات باش مەھكىمىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەستىقلىشى بىلەن «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە، قازاقچە- خەنزۇچە سېلىشتۇرما نۇسخىلىرىنىڭ نەشر قىلىنىشى ئېلىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ژۇرنالچىلىق ئىشلىرىدىكى بىر يېڭىلىق، شۇنىڭدەك دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، دەۋر روھىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈشتىكى بىر نامايەندە؛ يېڭى دەۋردە دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»نى مۇستەھكەملەشكە پايدىسى زور بولغان بىر ئەمەلىي تەدبىر.

  «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە، قازاقچە-خەنزۇچە سېلىشتۇرما نۇسخىلىرى بۇنىڭدىن كېيىن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە داۋاملىق دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ژۇرنالنىڭ ماقالە-ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇن، شەكىل ۋە ئۇسلۇبىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەركەزنىڭ ساداسىنى ھەر مىللەت ئاممىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ، سەر خىل ماقالىلەر ئارقىلىق ئېلىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ يېڭى دەۋرگە خاس تەرەققىياتى ۋە جۇشقۇن قىياپىتىنى جانلىق، ئوبرازلىق نامايان قىلىدۇ؛ ھەر مىللەت ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئىككى خىل تىل- يېزىقتىكى مەزمۇنلىرىنى سېلىشتۇرۇپ ئوقۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى سەۋىيەسىنى ئۈزۈكسىز ئۆستۈرۈشىگە يېقىندىن ياردەمچى بولىدۇ؛ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، «گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش»، «جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇپ، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدۇ.

  ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە سېلىشتۇرما نۇسخىدىكى «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇلى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ژۇرنىلىمىز قوش تىلدا، سېلىشتۇرما نۇسخا شەكلىدە نەشر قىلىنىپ ئۈچ سان تارقىتىلغاندىن كېيىن، ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. ژۇرنىلىمىز ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا پۈتۈنلەي رەڭلىك باسمىدا 84 بەت بېسىلىپ، ئىككى ئايدا بىر سان نەشر قىلىنىدۇ؛ بەت سانى، بەت شەكلى ۋە پوچتا ئارقىلىق مۇشتەرى بولۇشتا ئۆزگىرىش بولمىدى. بىز دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ توغرا يېتەكچىلىكىدە، مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشرىياتى پارتكومىنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدە كۆز قاراشنى يېڭىلاپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ژۇرنالغا بېرىلىدىغان ماقالە ۋە رەڭلىك سۈرەتلەرنى ئەستايىدىل تاللاپ، تەرجىمە سۈپىتىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، ژۇرنالنىڭ «جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئائىت بىردىنبىر دۆلەت دەرىجىلىك ژۇرنال» بولۇشتەك نوپۇزى ۋە ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق نامايان قىلىمىز؛ تەھرىراتىمىزنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ژۇرنال، تور بەت ۋە ئۈندىدار سۇپىلىرىدا باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى جانلىق تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئۈچۈن تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت قىلىمىز.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ