مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەكتەپ سىرتىدىكى بەزى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىدا يەنىلا بەلگىلىمىگە خىلاپ تەربىيەلەش مەسىلىسى مەۋجۇت

2019.07.17 16:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 6-ئاينىڭ ئاخىرى، مائارىپ مىنىستىرلىقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ئۆلكىلەرنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى مەخسۇس تۈزەشنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمى، تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ قېلىپلاشقان تىجارەت قىلىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى بەرپا قىلىشى ۋە مەملىكەت بويىچە مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى باشقۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن بايقىلىشىچە، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى مەخسۇس تۈزەشتە باسقۇچ خاراكتېرلىك مۇھىم ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن بەزى جايلاردا يەنىلا بەلگىلىمىگە خىلاپ تەربىيەلەش قىلمىشى تېخىمۇ يوشۇرۇن بولۇش ھەم ئاسان تەكرارلىنىش، ئالدىن ھۆكۈم قىلىش بىر قەدەر قىيىن بولۇش ھەم كۆپ قېتىم چەكلىسىمۇ تۈگىمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانماقتا ئىكەن.

  مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە جايلارنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىسى ئۇزاق ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تېز بەرپا قىلىپ، مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئاممىنىڭ ئەرزىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ ۋە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يازلىق تەتىلدىكى ھالقىلىق پەيتنى چىڭ تۇتۇپ، پەن تۈرىدىكى تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ ئەنگە ئېلىپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى مەركەزلەشكەن قىزىق نۇقتىلىق رايونلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ تەربىيەلەش قاتارلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك «تەربىيەلەش قىزغىنلىقى»نىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ