خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 15-ئىيۇل قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە: شەندۇڭ ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى يېقىندا چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىنىڭ زەھەرگە چېتىلىش دېلوسىنى تەكشۈردى، دېلوغا چېتىشلىق خادىملار ئىچىدە بىر كانادا پۇقراسى بار، ھازىر دېلو رازۋېدكا قىلىنىۋاتىدۇ، دېدى.
گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: ج خ ئورگانلىرى ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا كونسۇل ئۇقتۇرۇشى قىلدى ھەمدە ئەلچىخانا خادىملىرىنى يوقلاشقا ئورۇنلاشتۇردى. جۇڭگو تەرەپ چېتىشلىق خادىملارنىڭ ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ