مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلىرى ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش بەلگىلىمىسى»نى بېسىپ تارقاتتى

2019.07.16 16:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلىرى ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق رەھبىرىي خادىملارنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش بەلگىلىمىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بەلگىلىمە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، نازارەت قىلىش تۈزۈمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. 2010-يىلى 10-ئايدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى بېسىپ تارقاتقان «پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلىرى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش بەلگىلىمىسى» ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپكە ماسلىشىش، ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «بەلگىلىمە»دە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەم ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى چەكلەش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش، ھەم «ئۈچنى پەرقلەندۈرۈش» تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلارنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ چەكلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتنى تەپتىش قىلىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، «بەلگىلىمە»نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ئىقتىسادىي تەپتىش كومىتېتلىرى ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتنى تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتنى تەپتىش قىلىش خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى بىلەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش، تەشكىلات، كادىرلار، كۆزىتىش، تەكشۈرۈش قاتارلىق نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، نازارەتچىلىكنىڭ بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار «بەلگىلىمە»نى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش، ھوقۇقنى ئادىل يۈرگۈزۈش، ھوقۇقنى پاك ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ