مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سەلتەنەتلىك 70 يىل، شانلىق يېڭى جۇڭگو

يېڭى ئوقۇشلۇق «يېڭى جۇڭگو تەرەققىياتىغا نەزەر سېلىش» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2019.07.16 16:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى نەزەرىيە ئىدارىسى 2019-يىللىق ئاممىباب نەزەرىيە ئوقۇشلۇقى «يېڭى جۇڭگو تەرەققىياتىغا نەزەر سېلىش»نى يېزىپ چىقتى. ھازىر بۇ كىتابنى ئۆگىنىش نەشرىياتى بىلەن خەلق نەشرىياتى بىرلىشىپ نەشر قىلدى.

  بۇ كىتاب «نەزەرىيە قىزىق نۇقتىسىغا يۈز تۇرانە نەزەر» يۈرۈشلۈكلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى ئوقۇشلۇقى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىزچىل ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇسلۇبىغا ۋارىسلىق قىلىپ، كادىرلار ۋە ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرگە مەركەزلىك جاۋاب بەردى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 2-ئايدىن باشلاپ، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى نەزەرىيە ئىدارىسى كۈچ تەشكىللەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدا قانداق ئۆزگىرىش بولغانلىقى، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي مۆجىزىلىرىنى قانداق ياراتقانلىقى، جۇڭگو يولىنىڭ نېمە ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكى قاتارلىق 12 چوڭ مەسىلىنى رەتلەپ چىققان. مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلاردىكى يولداشلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر مۇشۇ مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ چوڭقۇر چۆكۈپ تەتقىق قىلىپ، مەركەزلىك يېزىپ تۈزىتىپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش ئاساسىدا كىتاب ئورىگىنالىنى تاماملىدى.

  بۇ كىتاب شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئىدىيەۋى ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت، تارىخ بىلەن رېئاللىق، دۆلەت ئىچى بىلەن خەلقئارانى بىرلەشتۈرۈپ، بۇ چوڭ-چوڭ مەسىلىلەرنى چوڭقۇر، چۈشىنىشلىك شەرھلەپ بەردى، نۇقتىئىنەزەرنىڭ نوپۇزى توغرا، تىلى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك، يېزىقچىلىق ئىستىلى ساپ، شەكلى جانلىق، كۆپ خىل بولۇپ، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ يېڭى جۇڭگونىڭ 70 يىلدىن بۇيانقى ئۇلۇغ مۇساپىسى، شانلىق نەتىجىلىرى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ. بۇ كىتابتا ھەم «نېمە» سۆزلىنىدىغان، ھەم «نېمە ئۈچۈن» سۆزلىنىدىغان، ھەم «قانداق قاراش»، ھەم «قانداق قىلىش» سۆزلىنىدىغان بولۇپ كادىرلار، ئامما، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش ۋە ۋەزىيەت، سىياسەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم قوشۇمچە ئوقۇشلۇق بولالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ