مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كادىرلارنىڭ ساختىپەزلىك قىلىشى پارتىيەگە سادىق بولمىغانلىق، سەمىمىي بولمىغانلىقتۇر

2019.07.16 16:20 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 5 – گۇرۇپپىسى گۇيجوۋ ئۆلكىسىگە «قايتا قاراپ چىقىش» ۋە نازارەت قىلىش ئەھۋالىنى قايتما ئىنكاس قىلغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: زۈنيى شەھىرى بوجوۋ رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مەسىلىنى يوشۇرۇش، نازارەت قىلىشنى ئەپلەپ – سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋېتىش ئۈچۈن، پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ يىغىن خاتىرىسىدىن ئوننى تۈزۈپ چىقىپ، ھەر ئايدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش جەھەتتە تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەنلىكى ۋە خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئېيتىپ، سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق خىلاپلىق قىلدى، خاراكتېرى ئىنتايىن رەزىل.

  يېقىندا، ئاز ساندىكى كادىرلارنىڭ ساختىپەزلىك قىلىش مەسىلىسى ئىلگىرى – كېيىن ئاشكارىلاندى: خۇبېي ماچېڭ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ سابىق پارتكوم شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى مەركەز قارا، رەزىل كۈچلەر يوقىتىش نازارەتچىلىك – يېتەكچىلىك 7 – گۇرۇپپىسىگە خىزمەتلەرنى دوكلات قىلغاندا، قول ئاستىدىكىلىرىگە يىغىن خاتىرىسىگە ئەسلىدە چاپلانغان «2018 – يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش باشلاش خىزمىتى يىغىنى» دېگەننى «شەھەر بويىچە مائارىپ سىستېمىسىدىكى قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش ۋە كۈزلۈك ئوقۇش باشلاش خىزمىتى يىغىنى» دېگەنگە ئۆزگەرتىشكە يول كۆرسىتىپ، پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ يېڭى يېزىنىڭ ئەسلىدە بېكىتىلگەن كەسىپلەر تەرەققىيات تۈرى يولغا قويۇلمىغان ئەھۋالدا، يۇقىرىدىكىلەرنىڭ تەكشۈرۈش ئۆتكۈزۈۋېلىشىنى ئەپلەپ – سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن، شەنشى شەنياڭ ناھىيەسى لياڭلىڭ بازىرىنىڭ سابىق باشلىقى سەنخې كەنتىنىڭ ئاممىنى تەشكىللەپ «تەكشۈرۈشتە ساختىلىق قىلىش»ىغا قوشۇلۇپ، پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى؛ سىچۇەن زىگۇڭ شەھىرى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كەسىپلەر تەرەققىيات رايونلۇق ئىقتىسادىي ھەرىكەت ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى ساختا ئىستاتېستىكا سانلىق مەلۇماتلارنى مەلۇم قىلىپ، دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش جازاسىغا ئۇچراپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى ... تۈرلۈك ساختىپەزلىك قىلمىشلىرى قاتتىق تەكشۈرۈلۈپ بىر تەرەپ قىلىندى.

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىنتىزام ئېڭىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تارىنى چىڭىتتى، لېكىن يەنە ئاز ساندىكى كىشىلەر تەلەي سىناش پىسخىكىسى بىلەن ساختىلىق قىلىپ يۇقىرى – تۆۋەننى ئالدىدى. بەزىلەر ماتېرىيال قۇراشتۇرۇپ، «چاپلاش»، «كۆچۈرۈش» ئارقىلىق كۆز بويامچىلىق قىلىشقا ئۇرۇندى، بەزىلەر نەتىجىسىنى چوڭايتىپ، مەسىلىنى قەستەن يوشۇردى، يەنە بەزىلەر ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل ئىش قىلدى ... كادىرلار ساختىپەزلىك قىلسا ھەم پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەھۋالنى ۋاقىتىدا ئىگىلەپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ، ھەم پۇختا، ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سۇ سېپىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى بۇلغايدۇ. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»دا «پارتىيەگە سادىق بولمىغان، سەمىمىي بولمىغان، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك بولمىغان، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان، يۇقىرى – تۆۋەننى ئالدايدىغان، ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىدىغان، ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى مەخسۇس «سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ جازالاش» قىسمىغا كىرگۈزدى. ماھىيەتتىن قارىغاندا، ساختىپەزلىك قىلىش سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، ئىستىل دۇرۇس بولماسلىق، پارتىيەۋىلىكى ساپ بولماسلىق بولۇپ، پارتىيەگە سادىق بولمىغانلىق، سەمىمىي بولمىغانلىقتۇر.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ