مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۇنيا سۇ ئۈزۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ تۆتىنچى مۇسابىقە كۈنىدە، جۇڭگو كوماندىسى يەنە ئىككى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

2019.07.16 16:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-ئىيۇل، كورېيەنىڭ گۋاڭجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 18-قېتىملىق دۇنيا سۇ ئۈزۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 4-مۇسابىقە كۈنىگە قەدەم قويدى، جۇڭگو سۇغا سەكرەش كوماندىسى ئاياللارنىڭ ئۈچ مېتىرلىق تاختا ۋە ئەرلەرنىڭ ئون مېتىرلىق پەشتاقتىن سەكرەش تۈرىدە ئىككى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. نۆۋەتتە جۇڭگو كوماندىسى سەككىز ئالتۇن مېدال، بىر كۈمۈش مېدال، بىر مىس مېدالغا ئېرىشىپ، مېدال سانىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇردى.

  ئاياللار قوش كىشىلىك ئۈچ مېتىرلىق تاختىدىن سەكرەش جۇڭگو كوماندىسىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۈستۈنلۈككە ئىگە تۈرى، جۇڭگو كوماندىسىنىڭ بۇ قېتىمقى ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىشى دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ بۇ مۇسابىقە تۈرىدە ئۇدا ئونىنجى قېتىم چېمپىيون بولۇشى. جۇڭگو كوماندىسى گۇرۇپپىسىدىكى شى تىڭماۋ / ۋاڭ خەن تەييارلىق مۇسابىقىدە بىرىنچى بولغان نەتىجە بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى. ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، ئىككى ئايال ماھىر ياخشى ماسلىشىش، مۇقىملىقنى جارى قىلدۇرۇشقا تايىنىپ، ھەر بىر سەكرەشتە ئەڭ يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشىپ، ئاخىرىدا 342.00 نومۇر ئېلىشتەك مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن چېمپىيون بولدى.

  شى تىڭماۋ ئاياللارنىڭ ئۈچ مېتىرلىق تاختىدىن سەكرەشتە ئۇدا تۆت قېتىم چېمپىيون بولۇشنى قولغا كەلتۈردى. ئۇ ئۆزى ئېرىشكەن چېمپىيونلۇقى بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي، داۋاملىق بۇ تەنھەرىكەتتىن ھۇزۇر ئالىدىغانلىقىنى، مۇسابىقىدىن تېخىمۇ ھۇزۇرلىنىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شى تىڭماۋنىڭ نەزىرىدە ئالتۇن مېدال ئېلىش ئەلۋەتتە مۇھىم، لېكىن ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى جۇڭگو سۇغا سەكرەش كوماندىسىنىڭ مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىك روھىنى تېخىمۇ كۆپ ياش ئەزالارغا يەتكۈزۈش. «ياش ئەزالار مۇسابىقىدە ياخشى ئويناشتىن باشقا، تېخىمۇ مۇھىمى مۇستەھكەم ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، ئۈزلۈكسىز تەجرىبە توپلاپ، ئادەتتىكى چاغلاردىكى مەشىقكە كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك»- دېدى شى تىڭماۋ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ