مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان ۋە مۇقىملىق ئىچىدە تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋەزىيەت داۋاملاشماقتا

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېلىمىزنىڭ GDPسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.3 ئاشتى

2019.07.16 14:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 7- ئاينىڭ 15- كۈنى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: دەسلەپكى ھېساباتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 45 تىرىليون 93 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولغان بولۇپ، ئۇنى ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.3 ئاشقان. پەسىللەرگە بۆلۈپ قارىغاندا، 1- پەسىلدە ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.4 ئاشقان؛ 2- پەسىلدە %6.2 ئاشقان. خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشى مۇۋاپىق بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان ۋە مۇقىملىق ئىچىدە تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋەزىيەت داۋاملاشماقتا.

  ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى مۇقىم بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىقتىسادىي قۇرۇلما سىجىل ئەلالاشتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، 3- كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %54.9كە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.5 پىرسەنت پوئىنت ئاشتى، ھەمدە 2- كەسىپتىن 15.0 پىرسەنت پوئىنت يۇقىرى بولدى؛ 3- كەسىپنىڭ ئېشىشىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى %60.3 بولۇپ، 2- كەسىپتىن 23.2 پىرسەنت پوئىنت يۇقىرى بولدى؛ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتتە ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئېشىشنى ساقلىدى. ئاخىرقى ئىستېمال چىقىمىنىڭ ئېشىشى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %60.1 بولدى.

  ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. 5- ئاينىڭ ئاخىرىدا، مەملىكەت بويىچە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز قالدۇقى 19 تىرىليون 895 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەستىقلىغان چەك ئىچىدە تىزگىنلەندى. نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، نامرات رايونلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى بىر قەدەر تېز ئاشتى.

  بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئۈنۈمى داۋاملىق كۆرۈلدى. دەسلەپكى ھېسابلاشتا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، تەبىئىي گاز، سۇ ئېلېكتىر، يادرو ئېلېكتىر ۋە شامال ئېلېكتىر قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيە ئىستېمال مىقدارىنىڭ ئېنېرگىيە ئىستېمال ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 1.6 پىرسەنت پوئىنت ئېشىپ، بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.7 تۆۋەنلىگەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ