مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەينەن ئۆلكىلىك مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مۇدىرى جى مىڭجياڭ پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى ۋە خىزمەتتىن ھەيدەلدى

2019.07.16 14:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەينەن ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى 7- نۆۋەتلىك ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، خەينەن ئۆلكىلىك مىللەتلەر-دىن ئىشلىرى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مۇدىرى، دۇڭفاڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى جى مىڭجياڭنىڭ ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جى مىڭجياڭنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى ۋە پاك-دىيانەتلىك بولۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كاماندىروپكىغا چىقىش ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇپ ئايروپىلاننىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك بۆلۈمچىسىگە ئولتۇرۇپ، خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرىنىڭ گولف توپ ئويناشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلغانلىقى؛ تەشكىلىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش خىزمىتىدە بەلگىلىمە بويىچە چەتلەپ تۇرمىغانلىقى؛ خىزمەت ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، ساختىپەزلىك قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلار ئۆزى ئىگىلەپ ئىشلەتكەن مەخسۇس خىزمەت خىراجىتىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ساقلاپ قېلىپ، ئالاقىدار تارماقلارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۆي شەكلىنى ئۆزگەرتىش ئىلتىماسىنى تەستىقلاشقا مەجبۇرلىغانلىقى؛ تۇرمۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى؛ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، قۇرۇلۇش تۈرىنى ھۆددىگە ئېلىش ۋە كارخانا تىجارىتى قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارغا نەپ يەتكۈزۈپ، باشقىلارنىڭ غايەت زور پۇل-مېلىنى قانۇنسىز ئېلىۋالغانلىقى ئېنىقلاندى.

  جى مىڭجياڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، غايە-ئېتىقادىنى يوقاتقان، قانۇن ئېڭى بولمىغان، شەخسىي ئىستىكى ئېشىپ كەتكەن، ھوقۇقنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلەتكەن، چىرىكلەشكەن، ئۆلكىلىك پارتكوم گۇرۇپپىسى دۇڭفاڭ شەھىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن مەزگىلدە يەنىلا ھەدەپ پارا ئالغان، پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن خىلاپلىقى جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن ھەمدە پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن ئۆزىنى تارتمىغان، قولىنى تارتمىغان، خاراكتېرى قەبىھ، تەسىرى ئىنتايىن يامان، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى ۋە ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، ھەمدە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قاراپ چىققاندىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا تەستىقلىتىپ، جى مىڭجياڭغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىشنى قارارقىلدى؛ ئۆلكىلىك رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇنىڭغا خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىدۇ؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى ۋە چېتىشلىق مال-مۈلۈكى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

  جى مىڭجياڭنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  جى مىڭجياڭ، ئەر، لىزۇ، 1963- يىلى 5- ئايدا تۇغۇلغان، خەينەن ئۆلكىسىنىڭ لېدۇڭ ناھىيەسىدىن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، 1986- يىلى 9- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1984- يىلى 7- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ