مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى شەرقىي رايونلاردىكى كادىرلار بىلەن غەربىي رايونلاردىكى كادىرلارنى ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۇردى

ئىختىساسلىقلار قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشكە ياردەم بەردى

2019.07.16 14:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى يېقىندا «فوكۇسنى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، «قوش 100»دىكى كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش پىلانىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ شەرقىي ۋە غەربىي رايونلاردىكى كادىرلار-ئىختىساسلىقلارنى قوشماقلاشتۇرۇپ ياردەم بېرىش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ۋە يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىستراتېگىيەسىگە قارىتىش ئۈچۈن، ئۇنى دەل جايىدا بولغان كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ «قوش 100» پىلانى دېگەندە، ئۇ كۆك نامرات رايونلار ۋە «ئۈچ ۋىلايەت، ئۈچ ئوبلاست»تىكى رايونلاردىن ناھىيە دەرىجىلىك 100 تارماق بانكىدىن خادىملارنى تاللاپ، ئۇلارنى يەنە شەرقىي رايونلاردىكى تەرەققىي تاپقان جايلاردىن 1- دەرىجىلىك 100 تارماق بانكىدىكى كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار بىلەن قوشماقلاشتۇرۇپ، «قوش 100» ئارا ياردەم بېرىش مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ ياردەم بېرىش ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇپ، نامرات رايونلاردىكى ناھىيە دەرىجىلىك تارماق بانكىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، شەرقىي رايونلاردىكى بانكىلاردىن ئەۋەتىلگەن بانكا كادىرلىرى غەربىي رايونلاردىكى نامرات رايونلاردىكى بانكىلارغا بارغاندىن كېيىن، شۇ جايلاردا «بىرىنچى قول رەھبەر» ياكى پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋە مۇئاۋىن شۇجىسى بولىدىكەن، نامرات رايونلاردىكى بانكىلاردىن ئەۋەتىلگەن بانكا كادىرلىرى شەرقىي رايونلاردىكى تەرەققىي تاپقان رايونلاردىكى بانكىلارغا بارغاندىن كېيىن، ئۇلارمۇ شۇ جايلاردا پارتكومىنىڭ ئەزاسى ياكى مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلەپ، قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

  يېزا ئىگىلىك بانكىسى پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېزا ئىگىلىك بانكىسى ئىختىساسلىقلارنىڭ قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىشى ئارقىلىق، شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلارنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئەۋزەللىك ۋە گۇرۇھ بىرىكمە كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى چۈشىنىدىغان، يېزىلارنى ۋە دېھقانلارنى سۆيىدىغان «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» پۇل مۇئامىلە خىزمىتى قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا ياردەم بېرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ