مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كىچىك كېسەلنىڭ يۈكى يوق، ئېغىر كېسەل كاپالەتكە ئىگە بولدى

_ _ دۆلىتىمىزنىڭ ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشتە باسقۇچلۇق ئىلگىرىلەش بولدى

2019.07.15 16:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنخۇي ئۆلكىسى جينجەي ناھىيىسى خۇاشى يېزىسى داۋەن كەنتىدىكى نامرات ئاھالە تاۋ ۋېنجى يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغىلى ئۇزۇن يىل بولغان ئىدى. ئىككى بالىسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي يۈكى بەك ئېغىر. بۇلتۇر ئۇ ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا يۈرەككە كۆۋرۈك سېلىش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇردى، داۋالىنىش خىراجىتى ئۈچۈن جەمئىي 35 مىڭ 924 يۈەن خەجلىدى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئاتچوت قىلىنغاندىن كېيىن، ئۆزى 5116 يۈەن تۆلىدى. تاۋ ۋېنجى مۇنداق دېدى: ھېلىمۇ ياخشى بۇنداق ياخشى سىياسەت بولغاچقا، يۈرەك كېسىلىم ساقايدى!

  ئېغىر كېسەل ئاساسىي جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە بولدى

  ئەنخۇيدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار نامرات ئاممىنىڭ ئېغىر كېسەلنى كۆرسىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 22 مەخسۇس داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، بەلگىلەنگەن 131 داۋالاش ئاپپاراتىنى بېكىتىپ، كىلىنىكىلىق يول ۋە كېسەل تۈرى بويىچە ھەق تۆلەش ئۆلچىمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، داۋالاش لايىھەسىنى تۈزۈپ، بىر-بىرلەپ داۋالاپ قۇتقۇزۇش ئىش ئورنى ھېساباتى قۇردى. نامرات ئاھالە ناھىيە تەۋەسى، شەھەر دەرىجىلىك ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا، شەخسلەرنىڭ يىللىق ئۆزى تۆلەيدىغان خىراجەتلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 3000 يۈەن، 5000 يۈەن ۋە 10 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولغان داۋالاش خىراجىتىنىڭ ئېشىپ قالغان قىسمىنىڭ ھەممىسىنى ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالىدۇ؛ نامرات ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەلگە گېرىپتار بولغان بىمار بىر يىل ئىچىدە ئامبۇلاتورىيىدە داۋالىنىش خىراجىتى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق تولۇقلىمىلاردىن كېيىن، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولغان داۋالاش خىراجىتىنىڭ ئېشىپ قالغان قىسمىنى تولۇقلىما داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن يەنە %80 ئاتچوت قىلىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئاساسىي ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، «ئۈچ بىر تۈركۈم» بويىچە بىر تۈركۈم ئېغىر كېسەللەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ قۇتقۇزۇش، بىر تۈركۈم ئاستا خاراكتېرلىك كېسەل بولۇپ قالغانلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى توختام تۈزۈپ باشقۇرۇش، بىر تۈركۈم ئېغىر كېسەللەرگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت تۈرگە ئايرىپ قۇتقۇزۇش تاكتىكىسىنى تەتقىق قىلىپ بېكىتتى. دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكتىن، نامرات رايونلاردىكى داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، نامرات بىمارلارنى ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاش خىراجىتى يۈكى زور دەرىجىدە يېنىكلىتىلدى. ھازىر كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كەتكەن، قايتا نامراتلىشىپ كەتكەن 6 مىليون 700 مىڭ نامرات ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

  ئېلىمىز كەلگۈسىدە ئېغىر كېسەللەرنىڭ مەخسۇس داۋالىنىش تۈرىنى 25 خىلغا كېڭەيتىپ، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەر بىمارلىرىنىڭ ئائىلە دوختۇرى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ مۇلازىمەت قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. 2019-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە ئېغىر كېسەل ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان 14 مىليون 350 مىڭ نامرات ئاساسىي جەھەتتىن داۋالاش ۋە ساغلاملىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتىگە ئېرىشتى. ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەللەر داۋالىنىش ياردىمى، داۋالاپ قۇتقۇزۇش، ھۆكۈمەت كاپالىتى مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، ناھىيە تەۋەسىدە كېسەلخانىدا يېتىپ «ئاۋۋال داۋالىنىش، ئاندىن پۇل تۆلەش» ۋە «بىر جايدا» دەرھال راسچوت قىلىش يولغا قويۇلدى. 2019-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە، مەملىكەت بويىچە نامرات بىمارلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىدىن شەخسلەر ئۆزى تۆلەيدىغان ئوتتۇرىچە نىسبىتى %10 ئەتراپىدا تىزگىنلەندى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ