«جۇڭگو قۇدرەت تاپتى، خەلق بەختلىك بولدى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىسسىق قېنى بىكارغا ئاقمىدى»

− جازىدوڭ، بەيگۇڭگۇەندە خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالغان ئىرادىلىك زاتلارنى مەخسۇس زىيارەت

2019.07.12 16:39 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: ساياھەتچىلەر قىزىل قىيا روھى مەيدانىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا (2013-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى تارتىلغان).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  70 يىل ئىلگىرى، 11-ئاينىڭ 27- كۈنى، يامغۇر يېغىۋاتقان ئىدى.

  چۇڭچىڭدىكى جازىدوڭ تۈرمىسىدە، 24 ياشلىق سۇن جۇڭ 2-قەۋەتتىن 1- قەۋەتتىكى كامېرغا يۆتكەپ قامالدى؛ يېقىن جايدىكى بەيگۇڭگۇەن تۈرمىسىدە، 25 ياشلىق گو دېشيەن تۈرمىگە كىرىشتىن بۇرۇن كىيگەن چىپاۋنى ئالماشتۇرۇپ، پولدا تىنچ ئولتۇراتتى...

  شۇ تاپتا ئازادلىق ئارمىيەنىڭ زەمبىرەك ئاۋازى دەريانىڭ نېرىسىدا ئاڭلىنىپ تۇراتتى، يېڭى جۇڭگونىڭ تاڭ نۇرى پات ئارىدا بۇ يەرگە چېچىلاتتى. لېكىن، مىلتىق ئاۋازى، ۋارقىرىغان ئاۋازلار، ئوت يالقۇنى، ئېقىۋاتقان قانلار... جازىدوڭ، بەيگۇڭگۇەن تۈرمىلىرى پانىي ئالەمدىكى دوزاخقا ئايلىنىپ قالغان ئىدى، بۇ يەرگە قامالغان 300 دىن ئارتۇق ئىنقىلابىي زات تاڭ يورۇشتىن ئىلگىرى يىقىلدى.

  ئۇلار ئىنقىلابىي قۇربان جۇ سۇڭخۇانىڭ ھايات ۋاقتىدىكى «مەغلۇب بولساق سېرىق توپىنى قانغا بويايمىز، مۇۋەپپەقىيەت قازانساق خەلققە بەخت يارىتىمىز» دېگەن قەسىمىنى ئۆز ھاياتى ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

  قان ۋە ئوت ئارىسىدا، ئاران 35 ئادەم بەختكە يارىشا خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالدى.

  يىللار سۇدەك ئۆتۈپ، خەتەردىن قۇتۇلغانلار ئارقا-ئارقىدىن ئالەمدىن ئۆتتى، سۇن جۇڭ بىلەن گو دېشيەن ھازىرمۇ ھايات تۇرۇۋاتقان كىشىلەر. 70 يىلدىن بۇيان، خەتەردىن قۇتۇلغان ئىرادىلىك زاتلار ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، باشتىن- ئاخىر غايىسىنى ۋە ئېتىقادىنى نامايان قىلىپ، ئۆز ھاياتى ئارقىلىق ئەۋلادمۇئەۋلاد كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى ۋە رىغبەتلەندۈردى.

  (ماتېرىيال سۈرەت).

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  تۆۋەندىكى سۈرەتتە: سول تەرەپتىكىسى جازىدوڭدىكى بىر قاتار كامېرلار، ئوڭ تەرەپتىكىسى بەيگۇڭگۇەننىڭ دەرۋازىسى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ