مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چيەن ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بەرگەنلىكى توغرىسىدا سۆز قىلدى

2019.07.12 16:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چيەن 11-ئىيۇل ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بەرگەنلىكى توغرىسىدا سۆز قىلدى، سۆزنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  7-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى تەيۋەنگە قىممىتى تەخمىنەن 2 مىليارد 220 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق قورال سېتىپ بېرىش لايىھەسىنى تەستىقلىدى، لايىھەدە M1A2 تانكا، «زەھەرلىك تىكەن» ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى قاتارلىق قورال-جابدۇقلار بار، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە پارلامېنتقا ئۇقتۇرۇش قىلدى. جۇڭگو ئارمىيەسى بۇنىڭغا قاتتىق نارازى بولۇپ، قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئامېرىكىغا كەسكىن سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  تەيۋەن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىشكە قەتئىي قارشى تۇرۇش مەيدانى ئېنىق، ئىزچىل. ئامېرىكىنىڭ خاتا قىلمىشى بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتى، بولۇپمۇ «17-ئاۋغۇست» ئاخباراتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ، تەيۋەن بوغۇزى رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ.

  تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ئۇ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ مىللىي ھېسسىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، ھەرقانداق تاشقى مۇداخىلىنى سىغدۇرالمايدۇ. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىپ، يۇقىرىدا ئېيتىلغان تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىش پىلانىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى ئامېرىكا-تەيۋەن ھەربىي ئالاقىسىنى توختىتىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىگە يەنىمۇ زىيان يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىشنى دەۋەت قىلىدۇ. جۇڭگو ئارمىيەسى ھەرقانداق شەكىلدىكى تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشى ۋە «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك قىلمىشلىرىنى مەغلۇپ قىلىشقا قەتئىي ئىرادە، تولۇق ئىشەنچ، يېتەرلىك ئىقتىدارغا ئىگە، بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بىخەتەرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ