مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېلىمىز ئەمەلىي ئىشلەتكەن چەت ئەل مەبلىغى %7.2 ئاشتى

يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى 20 مىڭدىن ئاشتى

2019.07.12 16:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا مىنىستىرلىقى 11-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېلىمىز ئەمەلىي ئىشلەتكەن چەت ئەل مەبلىغى مۇقىم ئاشقان. 1-ئايدىن 6-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە 20 مىڭ 131 كارخانا يېڭىدىن قۇرۇلغان؛ ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن تاشقى مەبلەغ 478 مىليارد 330 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.2 ئاشقان. 6-ئايدا ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن تاشقى مەبلەغ 109 مىليارد 270 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.5 ئاشقان.

  چەت ئەل مەبلىغىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەرگە توپلىنىشى تېزلەشكەن. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەردە ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن چەت ئەل مەبلىغى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %44.3 ئېشىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى %28.8 كە يەتكەن. يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق كەسپىدە ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن تاشقى مەبلەغ 50 مىليارد 280 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.4 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، تېببىي دورا پىششىقلاش، ئېلېكتىرون ۋە خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ياسىمىچىلىقىدا ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن چەت ئەل مەبلىغى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %12.8 ۋە %25 ئاشقان. يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇلازىمەت كەسپىدە ئەمەلىي ئىشلىتىلگەن چەت ئەل مەبلىغى 87 مىليارد 560 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %71.1 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۇچۇر مۇلازىمىتى، تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە لايىھەلەش مۇلازىمىتى، پەن- تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش مۇلازىمىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %68.1، %77.7 ۋە %62.7 ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ