مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى يىغىن ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆزى قىلدى

2019.07.12 15:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12 - ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى 7 – ئاينىڭ 10 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاچقان مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنى مۇھىم ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتى مۇپەسسەل بايان قىلىنىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ بۇرچ ۋەزىپىسى، نۇقتىلىق خىزمىتى، ئاچقۇچلۇق تەدبىرى چوڭقۇر شەرھلىنىپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ تىرىشىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈش، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپىسى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، قاتتىق، ئەمەلىي تۇتۇپ، چوقۇم نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەن مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ سىياسىي خۇسۇسىيىتى ۋە مەسئۇلىيەت ئورنىنى توغرا ئىگىلەپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ ئالدىدا مېڭىش، ئۈلگە بولۇش كېرەك. سىياسىي ئورگان ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باشلامچىلىق بىلەن «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ھەرىكىتىدە نامايان قىلىش، ئەمەلىي خىزمەت ۋە ھەربىر سۆز – ھەرىكەتتە نامايان قىلىش كېرەك. سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھەرقايسى تەرەپتىكى قۇرۇلۇشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئۈلگە بولۇپ، باشتىن – ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشتا ئۈلگە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۈلگە بولۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئورگان قۇرۇلۇشىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ