مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كىشىلەرنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ --

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى بىر سىياسىي ئورگان بولۇش سۈپىتى بىلەن، چوقۇم روشەن ئەسلى قىياپىتىنى مەڭگۈ ساقلاپ قېلىشى كېرەك.

2019.07.12 15:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، ھەمدە ئۇنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى-كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئاڭلىق ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىلەن ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇپ، ئالدىدا مېڭىش ۋە ئۈلگە بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

  ■ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىدا جەزمەن ئالدىدا مېڭىشى ۋە ئۈلگە بولۇشى شەرت

  مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى بولسا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ئەڭ يېقىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ئەڭ بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئورگان بولۇپ، ئۇلار ئورگاننىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى، ھەتتا باشقا ساھەلەردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىغا نىسبەتەن مۇھىم ئۈلگىلىك رولغا ئىگە. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار مۇنداق دەپ قارىدى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىدا چوقۇم ئالدىدا مېڭىشى ۋە ئۈلگە بولۇشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خاتىرجەم بولىدىغان، خەلق ئاممىسى رازى بولىدىغان نەمۇنىلىك ئورگان قۇرۇشى كېرەك.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋە مىنىستىرى چېن باۋشېڭ مۇنداق دېدى: مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالدى بىلەن سىياسىي ئورگان، شۇڭا، چوقۇم بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش جەھەتتە ئۈلگە بولۇشى، مىنىستىرلىقنىڭ پارتگۇرۇپپىسى ئۆگىنىش، چۈشىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش جەھەتتە ياخشى ئۈلگە بولۇشى، ياشلارنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئورگانلارنى تۇتۇپ، سەپكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىلىم، پەن، دەرس، تەربىيەلىنىش، دەرسلىك ۋە مېڭىگە كىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن-ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشتا ئۈلگە بولۇپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بىلەن ئۆلچەمگە توغرىلىنىش ۋە قانۇن-نىزامغا توغرىلىنىش كېرەك؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ھەم ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۈلگە بولۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتەك تۈپ ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك قاتارلىق جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىدىغان سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ