قىزىل ئارمىيەنىڭ قانلىق جەڭ نەق مەيدانىغا قايتا سەپەر

2019.07.11 16:22 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: كىشىلەر گۇاڭشى ئۆلكىسى گۇەنياڭ ناھىيەسىنىڭ شىنيۈدىكى توسۇپ زەربە بېرىش ئۇرۇشى كۆرگەزمىخانىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا (6-ئاينىڭ 28- كۈنى تارتىلغان).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ھەيۋەتلىك يۆچېڭلىڭ بىلەن دۇپاڭلىڭ تېغى ئارىلىقىدا، شياڭجياڭ دەرياسى خۇددى يىپەك لېنتىدەك شىمالغا قاراپ ئاقماقتا.

  ياپيېشىل تاغلار، زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇلار؛ شياڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقى سۈرەتتەك گۈزەل. 85 يىل ئىلگىرى، نەچچە ئون مىڭ قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بىلەن گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ 4-قامال لىنىيەسى بولغان شياڭجياڭ دەرياسىدىن بۆسۈپ ئۆتكەن ئىدى.

  بۇ، قىزىل ئارمىيەنىڭ ھايات-ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇش ئىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېتى، قىزىل ئارمىيە باش سىياسىي بۆلۈمى بىرلىشىپ «غالىب بولمىغانلار دەل ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغانلار» دېگەن خىتابنامىنى چىقاردى، قىزىل ئارمىيە كوماندىر-جەڭچىلىرى يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوققا قارىماي، ھاياتى ۋە ئىسسىق قېنى بىلەن يول ئاچتى.

  بۇ، قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغاندىن كېيىنكى ئەڭ ھەيۋەتلىك جەڭ ئىدى.

  قىزىل ئارمىيەنىڭ قانلىق جەڭ مەيدانىغا قايتا كەلگەندە، ھەر بىر تۈپ ئوت-چۆپ، دەل-دەرەخنىڭ ھەممىسى سادىق روھ بىلەن سۇغۇرۇلغان ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ