قىزىل ئارمىيە ۋۇجياڭدا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن ئىدى

2019.07.11 16:20 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 7-ئاينىڭ 3-كۈنى تارتىلغان ۋۇجياڭ دەرياسى كېچىكى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ۋۇجياڭ دەرياسى يەنە چيەنجياڭ دەرياسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى ئەڭ چوڭ تارماق ئېقىن بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1000 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، تەبىئىي چۈشۈش پەرقى 2000 مېتىردىن ئاشىدۇ، ئىككى قىرغاقتىكى تىك قىيالار بۇلۇتقا تاقاشقان.

  1935-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، خوۋچاڭ يىغىنىدا بوگۇ، لى دېلارنىڭ خاتا لۇشيەنى ئىنكار قىلىنىپ، ۋۇجياڭ دەرياسىدىن تېزلىكتە ئۆتۈش قارار قىلىندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى شى جۇڭچۈەن بۇنى قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەردىكى «قايتۇرما ھۇجۇم بىرىنچى جېڭى» دەپ ئاتىدى. 1-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە جياڭجيېخې، خۇيلۇڭچاڭ، چاشەنگۇەن قاتارلىق كېچىك ئېغىزلىرىدا ۋۇجياڭ دەرياسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئارقىدىنلا زۇنيى شەھىرىنى ئىشغال قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ