مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مايتاغ كۇچا تاشيولى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى تاماملىدى

2019.07.11 16:20 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  شىنجاڭنىڭ مايتاغ كۇچا تاشيولى يېقىندا 1-قارارلىق«دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش»نى تاماملىدى، يول بويىدىكى تۇرۇشقا ماس كېلىدىغان بۆلەكلەردە مەنزىرىنى ساياھەت قىلىش ئاپتوموبىل توختىتىش رايونى تەسىس قىلىش، بەلگە سىستېمىسى، ئەخلەت ساندۇقى ۋە ئاممىۋى ھاجەتخانا قاتارلىق ئۇل مۇلازىمەت ئەسلىھەسى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىندى.

  مايتاغ كۇچا تاشيولى دۆلەت يولى 217- لىنىيەسىنىڭ مايتاغ-كۇچا بۆلىكى بولۇپ، تىيانشان تاشيولى دەپ ئاتىلىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 537 كىلومېتىر كېلىدۇ، تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبى بىلەن شىمالىنى كېسىپ ئۆتۈپ مۇزلۇق، كۆل، ئورمان، يايلاق، يارداڭ قاتارلىق كۆپ خىل مەنزىرىلەر بار بولۇپ،«جۇڭگودىكى ئەڭ گۈزەل تاشيول»، «ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشقا باب جاي» دەپ تەرىپلەنگەن.

  نۆۋەتتە، شىنجاڭغا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىپ ساياھەت قىلىشنى ھېس قىلىش، ۋېلىسىپىت بىلەن پىيادە مېڭىش ساياھىتى قىلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى. مايتاغ كۇچا تاشيولىنىڭ يەر قىياپىتى كۆپ خىل، مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش قىزىق لىنىيەسىگە ئايلاندى. ساياھەت ئاۋات مەزگىلىدىكى زور ماشىنا ئېقىمى، ئادەم ئېقىمى بىلەن تەڭ «ئاپتوموبىل توختىتىش تەس بولۇش، ھاجەتخانا قىستاڭچىلىقى، ئەخلەتلەر دۆۋىلىنىپ كېتىش» مەسىلىلىرى مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا ھەل قىلىش زۆرۈر بولغان قىيىنچىلىق.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىل بۇنىڭغا تەخمىنەن 120 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ «دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتتى»، لىنىيە بويىدىكى يولغا سۇ سىڭىپ كېتىش، يېرىلىپ كېتىش، قىسمەن بۆلەكلەر يانتۇ بولۇپ تاش چۈشۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلدى، مەنزىرە رايونىدا يېڭىدىن 33 ئاپتوموبىل توختىتىش رايونى ، جەمئىي 1500 دىن ئارتۇق توختالغۇ، 19 جايدا پاكىز ھاجەتخانا، 81 ئەخلەت تاشلاش نۇقتىسى قۇرۇلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ