مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى «ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقاتتى

مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ يازلىق تەتىلدە ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ، ئالدىن ئوقۇتۇشى قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ

2019.07.11 16:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «2019-يىللىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يازلىق تەتىلگە ئالاقىدار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەتىلدە قانات يايدۇرغان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پەن تۈرىدىكى كۇرسلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ ئەنگە ئالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ، ئالدىن تەربىيەلەش مەزمۇنى بارلىقىنى بايقىغاندا، تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىدىن دەرھال تۈزىتىشنى، تۈزىتىشى جايىدا بولمىغانلىرىنىڭ تەربىيەلەش كۇرسىنى بىۋاسىتە ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، تۈزىتىشنى رەت قىلغانلارنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە جازالاشنى، ھەتتا مەكتەپ باشقۇرۇش ئىجازىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مائارىپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئوت ئۆچۈرۈش، خەلق ئىشلىرى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق تارماقلار ھەمدە مەھەللە، ئاھالىلەر كومىتېتى قاتارلىقلارنىڭ يازلىق تەتىلدىن بۇرۇن تەۋەلىكىدىكى مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى مەخسۇس بىر قېتىم تەكشۈرۈش ھەمدە يازلىق تەتىل مەزگىلىدە قەرەلسىز ھالدا مەخسۇس تەكشۈرۈش، تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تەربىيەلىگەنلىكى بايقالغان ھامان قەتئىي قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ھەمدە جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىش تەلەپ قىلىندى. كىنىشكىسىز تىجارەت قىلغان، زور بىخەتەرلىك خەۋپى ساقلانغان تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىغا قارىتا «قەتئىي چەكلەش»نى يولغا قويۇپ، نەق مەيداندا ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى دەرھال توختىتىپ تۈزىتىشكە بۇيرۇش لازىم.

  ئۇقتۇرۇشتا يەنە يازلىق تەتىللىك بىخەتەرلىك تەربىيەسى، يازلىق تەتىللىك تاپشۇرۇقنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، كۆپ خىل پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەر كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بىرىنچى، بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ ئىككىنچى، يازلىق تەتىللىك تاپشۇرۇقنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاتا- ئانىلارنى بالىلارنى مەكتەپ سىرتىدىكى كۇرسلارغا قارىغۇلارچە تىزىملاتماسلىققا يېتەكلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى يۈكىنى يەڭگىللىتىش؛ ئۈچىنچىدىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازلىق تەتىللىك تۇرمۇشىنى بېيىتىپ، تەنتەربىيە سارىيى، مۇزېي، مەدەنىيەت سارىيى قاتارلىق ئىجتىمائىي بايلىقلاردىن كەڭ كۆلەمدە پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يازلىق تەتىللىك تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ