ئۆيدە قالغان بالىلارنىڭ تور بىخەتەرلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە بالىلارنى ئاسراش بىخەتەرلىك دەرسىنىڭ يېزا سەپىرى پائالىيىتى باشلاندى

2019.07.11 15:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئاينىڭ 10- كۈنى، «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» مەملىكەتلىك خىزمەت ئىشخانىسىنىڭ مەخسۇس مۇئاۋىن مۇدىرى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ قانۇنسىزلىققا قارشى تۇرۇش ۋە مەنئى قىلىش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىشقا قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شۆ سۇڭيەن پائالىيەت باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.

  شۇ كۈنى، «بالىلارنى ئاسراش دەرسى ۋە تور بىخەتەرلىكى دەرسىنىڭ دەرسخانىسىغا كىرىش»نىڭ 2019- يىللىق يېزا سەپىرى پائالىيىتى بېيجىڭدا باشلاندى. بۇ پائالىيەتنى «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش» مەملىكەتلىك خىزمەت ئىشخانىسى بىلەن تېڭشۈن شىركىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، دىققەتنى يېزا-كەنت بالىلىرىنىڭ تور بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تور بىخەتەرلىكى دەرسىنىڭ 10 نەچچە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە شەھەردىكى ئۆيدە قالغان بالىلار كۆپ بولغان نۇقتىلىق رايونلارغا كىرىشنى پىلانلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ