مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى زېڭ جىچۈەننىڭ پارا ئېلىش دىلوسىغا 1-سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

2019.07.10 17:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، فۇجيەن ئۆلكىسى فۇجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى زېڭ جىچۈەننىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، جاۋابكار زېڭ جىچۈەنگە پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلدى، قوشۇمچە بارلىق شەخسىي مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلدى؛ زېڭ جىچۈەن پارا ئېلىپ ئېرىشكەن پۇل- مال ۋە ئۇنىڭدىن ئېرىشكەن پايدىسى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلۈپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلدى.

  قاراپ چىقىش ئارقىلىق مۇنۇلار ئېنىقلاندى: 2004-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە، جاۋابكار زېڭ جىچۈەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، نازىرىلىق ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرگە تەرەققىيات ئۈچۈن يەر ئىشلىتىش، قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىش قاتارلىق ئىشلاردا ياردەم بېرىپ، بىۋاسىتە ياكى يېقىن تۇغقانلىرى ئارقىلىق خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 140 مىليون 809 مىڭ 128.5 يۈەن قانۇنسىز پۇل-مالنى قۇبۇل قىلغان.

  فۇجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار زېڭ جىچۈەننىڭ قىلمىشىدىن پارا ئېلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ، دەپ قارىدى. زېڭ جىچۈەن ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئەينەن ئىقرار قىلغانلىقىنى، دېلو بېجىرگۈچى ئورگان تېخى ئىگىلىمىگەن بىر قىسىم جىنايەت پاكىتلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغانلىقىنى، جىنايىتىنى تونۇپ توۋا قىلىپ، ھارام مالنى ئاكتىپ قايتۇرغانلىقىنى، ھارام پۇل، ھارام مالنىڭ ھەممىسى قايتۇرۇۋېلىنغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەھۋالغا قاراپ يېنىك جازا بېرىلىدىغان ئەھۋاللار بار بولغاچقا، قانۇن بويىچە يېنىك جازا بېرىلسە بولىدۇ، دەپ قاراپ، سوت يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ