مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھەر 10 مىڭ ئاھالە ئىچىدە كەشپىيات پاتېنت مىقدارى 12دىن ئېشىپ كەتتى، ھەر 5.2 بازار سۇبيېكتى بىر ئۈنۈملۈك تاۋار ماركىسىغا ئىگە بولدى

ئېلىمىزنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستى

2019.07.10 14:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئېلىمىزنىڭ ئاساسلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۆرسەتكۈچى كەسپىي تەرەققىيات مۆلچەرىگە ئۇيغۇن بولۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى مۇقىم ئاشقان.

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېلىمىزنىڭ كەشپىيات پاتېنت ئىلتىماس قىلىش مىقدارى 649 مىڭ پارچە بولۇپ، جەمئىي 238 مىڭ پارچە كەشپىيات پاتېنت ھوقۇقى بېرىلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئىچىدىكى كەشپىيات پاتېنت ھوقۇقى 192 مىڭ پارچە بولغان. 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى (شياڭگاڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) كەشپىيات پاتېنتى 1 مىليون 740 مىڭ پارچىگە يەتكەن؛ ھەر 10 مىڭ ئاھالە ئىچىدە كەشپىيات پاتېنتى 12.5 پارچىگە يېتىپ، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن 1.0 پارچە كۆپىيىپ، 13-بەش يىللىق يىرىك پىلاندا بېكىتىلگەن 12 پارچە نىشانى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇندالغان.

  تاۋار ماركىسى جەھەتتە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېلىمىزنىڭ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش مىقدارى 3 مىليون 438 مىڭ پارچە بولغان، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش مىقدارى 3 مىليون 525 مىڭ پارچە بولغان. 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزنىڭ ئۈنۈملۈك تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش مىقدارى 22 مىليون 743 مىڭ پارچىگە يېتىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 5.2 بازار سۇبيېكتىغا بىردىن ئۈنۈملۈك تاۋار ماركىسى توغرا كەلگەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودىكى كەشپىيات پاتېنتى ئىلتىماس قىلىش مىقدارى 78 مىڭ پارچىگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.6 ئاشقان، چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودىكى تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلىش مىقدارى 127 مىڭ پارچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.4 ئاشقان، بۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېلىمىزنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا بولغان ئىشەنچىسىنى نامايان قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ