مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ئامېرىكىنى جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى ھەمكارلىقىغا ئوبيېكتىپ قاراشقا، يەنە تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرمەسلىككە دەۋەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2019.07.09 17:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ئۈستىدە ئېيتقان بىمەنە گەپلىرىگە قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 8-ئىيۇل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ۋە بىخەتەرلىكىگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئامېرىكىنىڭ غەم يېيىشىنىڭ ھاجىتى يوق.

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ شۇ كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ يىل 3-ئايدا، جۇڭشىڭ شىركىتى ئارگېنتىنا خۇخۇيى ئۆلكىسى بىلەن سودا توختامى ئىمزالاپ، شۇ جاينى تېلېكامېرا، نازارەت قىلىش مەركىزى، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مۇلازىمىتى ۋە تېلېگراف ئۇل ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلىگەن. يېقىندا، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى ئەمەلدارى بىر باياناتتا: ئامېرىكا يۇقىرىقى تۈرلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، جۇڭگو سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق خالىغانچە نازارەت قىلىشنى قوللايدۇ ھەمدە قارشى تۇرغۇچىلارنى بېسىقتۇرىدۇ، دېگەن. ئاقساراي ئەمەلدارى: جۇڭگو تەرەپ تېخنىكا جابدۇقلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى ئېكسپورت قىلىشتىن پايدىلىنىپ، لاتىن ئامېرىكىسىدا «جۇڭگوچە باستۇرۇش»نى كېڭەيتكەن، دېگەن. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟

  گېڭ شۇاڭ: «ئامېرىكىنىڭ سۆز- ھەرىكىتىنىڭ قىلچە ئاساسى يوق، شۇنداقلا تۈپ نېگىزىدىن مەسئۇلىيەتسىزلىك»، دېدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بىرىنچىدىن، زامانىۋى پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى ئارقىلىق جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش − خەلقئارا جەمئىيەتتە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلىدىغان ئۇسۇل. كۆرۈنمە چاستوتىلىق نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى ئامېرىكا ئىشلىتەلەيدۇ، ئارگېنتىنامۇ ئىشلىتەلەيدۇ، بۇنى يامان غەرەزلىك ھالدا سىياسىيلاشتۇرماسلىق لازىم. جۇڭگو كارخانىلىرى ئارگېنتىنا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئامانلىقىنى ياخشىلاپ، شەھەر باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، شۇ جايدىكى جەمئىيەتنىڭ قارشى ئېلىشىغا ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى.

  ئىككىنچى، جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو كارخانىلىرىدىن چەت ئەلدىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشتا شۇ جاينىڭ قانۇن- نىزاملىرىغا رىئايە قىلىشنى ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كەلدى. ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەر ھەمىشە جۇڭگو ئۈسكۈنىلىرى، جۇڭگو تېخنىكىسىنى لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ، دەپ كۆپتۈرۈپ كەلدى، بىراق باشتىن- ئاخىر ھېچقانداق قايىل قىلارلىق دەلىل- ئىسپاتلارنى كۆرسىتەلمىدى، بۇ خىل سۇبيېكتىپ پەرەز ئاساسىدىكى سۆزلەر ئىنتايىن بىمەنىلىك.

  ئۈچىنچى، بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەر جۇڭگو- لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىگە خالىغانچە تۆھمەت قىلىپ، قەستەن ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى، جۇڭگو بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. «لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ۋە بىخەتەرلىكىگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئامېرىكىنىڭ غەم يېيىشىنىڭ ھاجىتى يوق. بىز ئامېرىكىنى جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى ھەمكارلىقىغا ئوبيېكتىپ مۇئامىلە قىلىشقا، ئەمدى تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرمەي، لاتىن ئامېرىكىسى رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشقا دەۋەت قىلىمىز».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ