مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ ئوقۇش – ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى

(2019 – يىلى 6 – ئاينىڭ 23 - كۈنى)

2019.07.09 16:54 مەنبە: خەلق تورى

  مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ سۈپىتى مىليونلىغان ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، مائارىپتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇش ئۈچۈن، مائارىپ ئوقۇش – ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

  بىرىنچى، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىش چوڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈش

  1. يېتەكچى ئىدىيە. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئاساسىي رولىنى كۈچەيتىپ، كىشى قەلبىنى مۇجەسسەملەش، كىشىلىك پەزىلەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئادەم كۈچىنى قېزىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، خەلققە بەخت يارىتىش خىزمەت نىشانىنى چۆرىدەپ، ساپا مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  2. ئاساسىي تەلەپ. ئىلمىي بولغان مائارىپ سۈپىتى قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق تەربىيەلەيدىغان مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈچەپ غايە – ئېتىقادنى چىڭىتىش، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يېتىلدۈرۈش، ئەخلاق – پەزىلەت جەھەتتە تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىش، بىلىمى، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش، كۈرەش قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈش، ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى كۈچەيتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. ئەخلاق تەربىيەسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، خەلقنى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈشكە تەربىيەلەش، يېتەكلەش؛ ئەتراپلىق يېتىلدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تەرەققىياتىغا ئاساس سېلىش؛ ھەممىگە يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر بىر مەكتەپنى ياخشى باشقۇرۇپ، ھەربىي ئوقۇغۇچىنى ياخشى تەربىيەلەش؛ بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى تۇرمۇش ۋە ئۆگىنىشنىڭ ئىگىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. تولۇق تېكىستىنى خەلق گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى سانىدىن كۆرۈۋېلىڭ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ