مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خاربىن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى رېن رۈيچېن ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قۇبۇل قىلماقتا

2019.07.09 16:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خېيلوڭجياڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خاربىن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى رېن رۈيچېن ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق بولغانلىقتىن، ھازىر ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋېتىپتۇ.

  رېن رۈيچېننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  رېن رۈيچېن، ئەر، خەنزۇ، 1963- يىل 3-ئايدا تۇغۇلغان، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خېگاڭ ناھىيەسىدىن، 1979- يىل 11-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1985-يىل 10-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەن، خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

  2007-يىلى 5-ئايدىن 2009-يىلى 7-ئايغىچە، خاربىن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولغان؛

  2009-يىلى 7-ئايدىن 2012-يىلى 1- ئايغىچە، خاربىن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان؛

  2012-يىلى 1-ئايدىن 2012-يىلى 2-ئايغىچە، خاربىن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شەھەرلىك پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بولغان؛

  2012-يىلى 2-ئايدىن 2016-يىلى 12-ئايغىچە، خاربىن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شەھەرلىك پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى، مۇپەتتىش باشلىقى بولغان؛

  2016-يىلى 12-ئايدىن 2017-يىلى 1- ئايغىچە، خاربىن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شەھەرلىك پارتكوم سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛

  2017-يىلى 1-ئايدىن 2017- يىلى 1-ئايغىچە، خاربىن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، شەھەرلىك پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛

  2017-يىلى 1-ئايدىن 2017-يىلى 2-ئايغىچە، خاربىن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، شەھەرلىك پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛

  2017-يىلى 2- ئايدىن ھازىرغىچە، خاربىن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ