19 ئۆلكە 2019-يىللىق پېنسىيە كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈردى

نورمىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ھەر ئايدا 70 يۈەن ئۆستى

2019.07.09 16:45 مەنبە: خەلق تورى

  جەدۋەل: 19 ئۆلكىنىڭ 2019- يىللىق پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى نورمىسىنى تەڭشەش ئەھۋالى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  بۇ يىل، ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىڭىز قانچىلىك ئۆستى؟

  تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 7-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە بېيجىڭ، خېبېي قاتارلىق 19 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر 2019-يىللىق پېنسىيە كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش لايىھەسىنى بېكىتكەن. جېجياڭنىڭ 2019- يىللىق پېنسىيە كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش لايىھەسىگە پىكىر ئېلىشمۇ 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاخىرلاشقان.

  ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، 19 ئۆلكىنىڭ تەڭشەش لايىھەسى ئاساسلىقى نورمىلىق تەڭشەش، چېتىپ تەڭشەش بىلەن مۇۋاپىق مايىللاشتۇرۇپ تەڭشەشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان، ئومۇمىي تەڭشەش سەۋىيەسى 2018-يىللىق پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ تەخمىنەن %5ى بويىچە بېكىتىلگەن.

  مۇخبىرنىڭ رەتلەپ بايقىشىچە، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ نورما تەڭشەش كونكرېت لايىھەسى ۋاقتىنچە ئاشكارىلانمىغان، باشقا ئۆلكىلەردە نورمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئېيىغا 22 يۈەندىن 70 يۈەنگىچە بولغان.

  ئىگىلىنىشىچە، جايلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش سوممىسى 2019-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ھېسابلىنىپ تولۇقلاپ تارقىتىلىدىكەن. ھازىر بېيجىڭ، شاڭخەيلەرنىڭ 2019-يىللىق كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش سوممىسى تولۇقلاپ تارقىتىلغان. سەنشى، ئىچكى موڭغۇل، لياۋنىڭ، جياڭسۇ، جېجياڭ، فۇجيەن، خېنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، نىڭشيا، شىنجاڭ قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلاردا 7-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تەڭشەلگەندىن كېيىنكى كۈتۈنۈش پۇلىنى تارقىتىش مۆلچەرلەندى؛ خېبېي، خۇبېي قاتارلىق ئۆلكىلەر 8-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تەڭشەلگەندىن كېيىنكى كۈتۈنۈش پۇلىنى تارقىتىش تاماملىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ