مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چۇڭچىڭ ئاشلىق گۇرۇھى پارتكومىنىڭ سابىق شۇجىسى، باش مۇدىرى ۋاڭ يىنفېڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلاندى ۋە خىزمەتتىن ھەيدەلدى

2019.07.08 16:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چۇڭچىڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ 7-ئىيۇل سىرتقا قارىتا چىقارغان ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، چۇڭچىڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى چۇڭچىڭ ئاشلىق گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتكومىنىڭ سابىق شۇجىسى، باش مۇدىرى ۋاڭ يىنفېڭنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ۋاڭ يىنفېڭغا پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن قوغلاش جازاسى بېرىشنى قارار قىلىپ، ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرىنى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

  چۇڭچىڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلدى: تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، ۋاڭ يىنفېڭ غايە-ئېتىقادىنى يوقىتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئاينىپ كېتىپ، سىياسىي جەھەتتە كەڭ كۆلەمدە بېقىنىپ، ئېغىر سىياسىي مەسىلە بار كىتاب-ژۇرنال، ماقالىلەرنى كۆرۈش، ئۆز ئالدىغا ساقلاشقا ھېرىسمەن بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش كۈچلۈك بولمىغان، ۋەزىپە ئۆتىگەن كارخانىلارنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغان؛ مەركەزنىڭ قايتا-قايتا قىلغان بۇيرۇقىغا پەرۋا قىلماي، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كاماندىروپكىغا چىقىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ساياھەت قىلىپ، ھۆكۈمەت پۇلىغا ئالىي دەرىجىلىك ھاراق سېتىۋېلىپ، ئۇزۇن مۇددەت بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات پۇلى ئالغان؛ تەشكىلىي پىرىنسىپقا خىلاپلىق قىلىپ، ئەمەل ئۈچۈن قاتراپ، ئەمەل سېتىۋېلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ۋەزىپە تەڭشەش جەريانىدا قول ئاستىدىكىلەرگە ياردەم بەرگەن ۋە پۇل- مال ئالغان؛ مەسئۇلىيىتىنى توغرا ئادا قىلماي، دۆلەت مۈلكىنى زور زىيانغا ئۇچراتقان؛ تۇرمۇشتا چىرىكلەشكەن؛ ئىقتىسادىي جەھەتتە ئاچكۆزلۈك قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقى ۋە ۋەزىپىسىنىڭ تەسىرىدىن پايدىلىنىپ، خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرىنى مەنپەئەتكە ئېرىشتۈرۈپ، ھەدەپ ھوقۇق-پۇل سودىسى قىلغان.

  ۋاڭ يىنفېڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى، تەشكىلىي ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى، خىزمەت ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ھەمدە پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ ئۆزىنى تارتمىغان، قول ئۈزمىگەن، خاراكتېرى ئېغىر، تەسىرى يامان بولغان، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، چۇڭچىڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىش ھەمدە چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومغا تەستىقلىتىش ئارقىلىق، ۋاڭ يىنفېڭغا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىش قارار قىلىندى؛ چۇڭچىڭ شەھەرلىك رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇنىڭغا خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بەردى؛ ئۇنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يىغىۋېلىندى؛ ئۇنىڭ جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، چېتىشلىق پۇل-ماللار دېلوغا قوشۇپ ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ