مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش

2019.07.08 16:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «بۇ قېتىمقى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى»، «پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى، ئاپپاراتلارنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە فۇنكسىيەسىنىڭ ئايرىلىشى تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتى»... يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خۇلاسە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى. كۆپچىلىك بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ئۈنۈمىنىڭ زورلىقى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىنى تولۇق ھېس قىلدۇق، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى.

  پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغدايدىغان ئاپپارات فۇنكسىيەسى سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى

  پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش − پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ھەرىكەت، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر قېتىملىق مەركەزلىك ھەرىكەت. كەڭ كادىرلار ۋە ئامما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسلاھات ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى، شۇنداقلا ئېلىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى.

  «ئىسلاھات ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ سۇچىلىق خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، تارماقلارنى ئەلالاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ۋە دۆلەتنىڭ سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنى تېخىمۇ ياخشى، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا پايدىلىق». سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئې جىڭپىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتىدىن كېيىن، سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ ئېنىق ئايدىڭلاشتى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش تېخىمۇ راۋان، ئۈنۈملۈك بولدى. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، بىر تۇتاش باشقۇرۇش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، سابىق گوۋۇيۈەن سەنشيا قۇرۇلۇشى كومىتېتى ئىشخانىسى ۋە گوۋۇيۈەن جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشى كومىتېتى ئىشخانىسى قوشۇۋېتىلىپ، چوڭ-چوڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىنى يۈرۈشتۈرۈش ۋە سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش، ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىر تۇتاش باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، سۇ بايلىقىنى ئەڭ قاتتىق باشقۇرۇش، سۇنى تېجەپ ئىشلىتىش، دەريا-كۆللەرنى باشقۇرۇش، قوغداش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەر كۈچەيتىلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دىققەت ئاساسىي مەسئۇلىيەت ۋە ئاساسىي كەسىپكە يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلاش ئاساسىدا، بىر قىسىم مەسئۇلىيەتنى ئايرىپ چىقىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، سۇ مۇھىتىنى ئاسراش، ئېتىز- ئېرىق سۇ ئىنشائاتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى كەسپىي ۋە باشقۇرۇش ئارتۇقچىلىقى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلۇپ، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى بىلەن ئالاقىدار تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، ئۈنۈملۈك جىپسىلاشقان، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈلدى». (تولۇق تېكىستىنى بۈگۈنكى خەلق گېزىتىنىڭ باش بېتىدىن كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ