ياپونىيە ئەلئارا تەشكىلاتلىرى يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ «7- ئىيۇل ۋەقەسى»نىڭ 82 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
2019.07.08 14:36 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاسماندا سىم-سىم يامغۇر لەيلەپ يۈرەتتى. 7- ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ياپونىيەدىكى تۆت ئەل ئىچى دوستلۇق تەشكىلاتى سەيتاما شەھىرىدە بىرلىكتە يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، «7- ئىيۇل ۋەقەسى»نىڭ 82 يىللىقىنى خاتىرىلىدى ۋە ياپونىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى، ھەم شۇنداقلا ياپونىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە مۇراجىئەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخىغا توغرا قاراشنى تەشەببۇس قىلدى، ھەمدە ياپونىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئەلئارا دوستلۇقى ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى قايتا قوزغىتىشقا چاقىردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ