لياۋنىڭ كەييۈەندە يۈز بەرگەن قاراقۇيۇن 9900 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئاپەتكە ئاچراتتى

جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىلماقتا

2019.07.05 16:19 مەنبە: خەلق تورى

  4-ئىيۇل، قۇتقۇزۇش خادىملىرى كەييۈەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان نەق مەيداندا يوللارنى تازىلاش ۋە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى جىددىي رېمونت قىلىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئىيۇل، لياۋنىڭ كەييۈەندە يۈز بەرگەن قارا قۇيۇن ئاپىتىدە ئالتە ئادەم قازا قىلدى، 190 ئادەم يارىلاندى، 9900 دىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىدى. نۆۋەتتە 10 قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى قاپسىلىپ قالغانلارنى ئىزدەش، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، توك ۋە يوللارنى رىمونت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى جىددى ئىشلەۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ