يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتىماي بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرغان مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلى مەقسەتكە ئەمەل قىلىش، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش، پەرقنى تېپىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش» ئومۇمىي تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئۆز ئورنىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى ئىسلاھات، تەرەققىيات مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەت تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.
سودا مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلار ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىگە ئالاقىدار يۈرۈشلۈك بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ئاساسىدا، يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئۆگىنىش، چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىپ ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى.
نەزەرىيەگە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشتە، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى قاراتمىلىققا ئىگە چوڭ تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، مەسىلىلەرنى بايقاش، ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بەردى؛ بانكا سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى تەجرىبىلىرىنى نەق مەيداندا ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، پىكىر يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنىڭ پىكىر تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى؛ ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئىستاتىستىكا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى كۆزىتىش، تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتتى ھەمدە سەييارە يېتەكچىلىك قىلىش، ئىختىيارىي ئارىلاپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سۆھبەتلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، تۈرلۈك تەلەپلەرنىڭ شەكىلگە ئايلىنىپ قالماسلىقىغا، رەسمىيەتچىلىك بولۇپ قالماسلىقىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلدى.
سۇچىلىق مىنىستىرلىقى، جۇڭگو خەلق بانكىسى، جۇڭگو دۆلەت تۆمۈر يول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، مەسىلىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسنى چىڭ تۇتۇپ، خىزمەتلەرنى ياخشىلاش چارە ۋە تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە بىرمۇ بىر چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈردى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ