مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئارزۇ تولدۇرۇشتىكى «قىلتاق»لاردىن ئېھتىيات قىلىڭ

مائارىپ مىنىستىرلىقى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە ئالاقىدار ئىزدەش تور بېكىتى مەسئۇللىرىنى چاقىرىپ سۆھبەتلەشتى

2019.07.04 15:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا ئاممىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بەيدۇ، 360 قاتارلىق ئىزدەش تور بېكەتلىرى ئارقىلىق «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بويىچە ئارزۇ تولدۇرۇش» قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئىزدىگەندە، ئىزدەش نەتىجىسىدە يۇقىرى باھالىق مۇلازىمەت ھەققى ئالىدىغان APP تور بېكەتلىرى ياكى مەسلىھەت بېرىش ئاپپاراتلىرى ئالدىغا تىزىلغان بولۇپ، قېلىپلاشماسلىق ۋە بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرى بار بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان. مائارىپ مىنىستىرلىقى دەرھال جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە تور بېكەتلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىنى چاقىرىتىپ سۆھبەتلىشىپ، تور بېكەتلىرىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان جايىدا ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ھەرقايسى جايلاردىكى ئىمتىھان ئورۇنلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تور بېكەتلىرىنى توغرا تونۇشقا ئاگاھلاندۇرۇشنى ھەمدە ئورگان تور بېكەتلىرىنى ئالدىن كۆرسىتىشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ئادىل، ئىناق بولغان ئىمتىھانغا چېتىشلىق تور مۇھىتىنى ھەقىقىي قوغداشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مائارىپ مىنىستىرلىقى يەنە مەركىزىي ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى ۋە دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، ئالاقىدار ئارزۇ تولدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش APP تور بېكىتى ۋە ئاپپاراتلارنى تەكشۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلارغا قەتئىي زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە نۆۋەتتە ھېچقاچان ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاپپاراتى، ئالىي مەكتەپلەر بىلەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بويىچە ئارزۇ تولدۇرۇشتا ھەمكارلاشقان سودا شىركەتلىرىنىڭ مەۋجۇد ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاتالمىش ئاپپارات ياكى «مۇتەخەسسىس»لەرنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشىغا ھەرگىز ئىشىنىپ قالماسلىقىنى، ئۆلكە دەرىجىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتلىرى تەمىنلىگەن ئارزۇ تولدۇرۇش چارىسى ۋە ئالاقىدار پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ مۇۋاپىق تولدۇرۇپ، ئۇچۇرنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشى ۋە ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ