مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسى مەسئۇلى شياڭگاڭدا يۈز بەرگەن قانۇن كېڭىشىگە زوراۋانلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

2019.07.03 16:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى سۆز قىلىپ، 7-ئاينىڭ 1-كۈنى شياڭگاڭ قانۇن كېڭىشى بىناسىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن چۆچۈگەنلىكىنى، غەزەپلەنگەنلىكىنى ۋە كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئاخىرىغىچە سۈرۈشتۈرۈشىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

  بۇ مەسئۇل خادىم مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىر قىسىم ئەسەبىي ئۇنسۇرلار ئىنتايىن زوراۋانلىق بىلەن قانۇن كېڭىشى بىناسىغا ھۇجۇم قىلدى. بىنا ئىچىدە قانۇننى كۆزگە ئىلمايدىغان بىر قاتار بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى قىلىپ، كىشىنى چۆچۈتتى، ئېچىندۇردى ۋە غەزەپلەندۈردى. ئۇلارنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشى شياڭگاڭنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىشىغا ئىنتايىن زور ئىغۋاگەرچىلىك ۋە دەپسەندە قىلغانلىق بولۇپ، شياڭگاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ، بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويۇشقا بولمايدۇ.

  بۇ مەسئۇل كىشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسى ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشىنى قەتئىي قوللاپ، شياڭگاڭنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى قەتئىي قوغداپ، شياڭگاڭنىڭ ھەر ساھە زاتلىرى بىلەن شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى ئورتاق قوغدايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ