مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېرىمدىن ئارتۇق نامرات ناھىيەلەر نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى

رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقنى ھەل قىلىش قەدىمى تېزلىدى

2019.07.03 16:10 مەنبە: خەلق تورى

  5 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە

  مەملىكەت بويىچە نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغان ناھىيە 436گە يېتىپ، بارلىق نامرات ناھىيەلەرنىڭ %52.4ىنى ئىگىلىدى

  7 – ئاينىڭ بېشىدا

  ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايوندىكى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغان 283 ناھىيە %20 نىسبەت بويىچە ئارىلاپ تەكشۈرۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3 – ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىل 5 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايوندىكى 22 ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايوندىكى 283 نامرات ناھىيە ئۆلكە دەرىجىلىك مەخسۇس باھالاپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ، ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايوندىكى 22 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرنىڭ ھەممىسىدە تۇنجى قېتىم نامرات ناھىيەلەر نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن، مەملىكەت بويىچە 436 نامرات ناھىيە نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاپ، بارلىق نامرات ناھىيەنىڭ %52.4ىنى ئىگىلەپ نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش مۇساپىسى يېرىمدىن ئېشىپ، رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقنى ھەل قىلىش قەدىمى تېزلىگەن.جايلارنىڭ باھالاپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغان 283 ناھىيە ئىچىدە، ئوتتۇرا قىسىم رايوندىكى 114 ناھىيەنىڭ ئۇنىۋېرسال نامراتلىشىش نىسبىتى %2تىن، غەربىي قىسىم رايوندىكى 169 ناھىيەنىڭ %3تىن تۆۋەن بولغان. خاتا چېكىنىش نىسبىتى، باھالانماي قېلىش نىسبىتى ھەممىسىنىڭ %2تىن تۆۋەن بولغان. %86.5 ناھىيەدە خاتا چېكىنىش، %90.46 ناھىيەدە باھالانماي قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن، %81.27 ناھىيەدە ھەم خاتا چېكىنىش ھەم باھالانماي قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن، 2017 – يىلى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغان ناھىيەلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئون پىرسەنت پوئىنت، بەش پىرسەنت پوئىنت ۋە 15 پىرسەنت پوئىنت يۇقىرى بولۇپ، نامراتلىقتىن چېكىنىش سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ھالدا يەنىمۇ ئۆسۈپ، ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىش نىسبىتى %50تىن يۇقىرى بولغان.

  گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش – روناق تاپقۇزۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، بۇ يىل 7 – ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم رايوندىكى 22 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەردىكى 2018 – يىلى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىغان 283 ناھىيە %20 نىسبەت بويىچە ئارىلاپ تەكشۈرۈلۈپ، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى 22 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرنى ئومۇميۈزلۈك قاپلايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ