مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ شياڭگاڭ ئىشلىرى ۋە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىقى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى

2019.07.03 16:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 2-ئىيۇل: جۇڭگو تەرەپ ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ شياڭگاڭ ئىشلىرىغا ۋە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىقىدىن قاتتىق نارازى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، دېدى.

  گېڭ شۇاڭ قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 7-ئاينىڭ 1-كۈنى شياڭگاڭ ئالاھىدە رايونىدا يۈز بەرگەن قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ بىناسىغا زورلۇق بىلەن ھۇجۇم قىلىش، قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى خالىغانچە بۇزۇۋېتىش قىلمىشى − قانۇن ئىدارە قىلىشنى دەپسەندە قىلىدىغان، جەمئىيەت تەرتىپىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قانۇنغا خىلاپ ئېغىر قىلمىش. بىز بۇنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. مەركىزىي ھۆكۈمەت شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتى ۋە ساقچىلارنىڭ بۇ ۋەقەنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىنى قەتئىي قوللايدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: شياڭگاڭ − جۇڭگونىڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا تەۋە. بىز ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرىغا ۋە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىقىدىن قاتتىق نارازى ۋە قەتئىي قارشى تۇرىمىز. بىز ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ سۆز-ھەرىكەتتە ئېھتىياتچان بولۇپ، ھەر قانداق ئۇسۇل بىلەن شياڭگاڭنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقىنى، ھەرقانداق شەكىل بىلەن زوراۋانلىققا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئۇنسۇرلارغا يار-يۆلەك بولماسلىقىنى، ھەرقانداق خاتا سىگنال بەرمەسلىكىنى، ھېچقانداق خاتا ھەرىكەت قىلماسلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىمىز.

  بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: ئەنگلىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى خانت قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قانۇن چىقىرىش كېڭىشىنىڭ بىناسىغا زورلۇق بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى ھەققىدە تىۋىتتېر يوللاپ، ئەنگلىيە شياڭگاڭ ۋە ئۇنىڭ ئەركىنلىكىنى قەتئىي قوللايدۇ، زوراۋانلىق ھەرىكىتىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، لېكىن شياڭگاڭ خەلقى قانۇن دائىرىسىدىكى تىنچ ئېتىراز بىلدۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى كېرەك، دېگەن. بۇنىڭغا جۇڭگو تەرەپ قانداق باھا بېرىدۇ؟

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسى توغرىسىدا ئەنگلىيە تەرەپكە مەيدانىنى كۆپ قېتىم شەرھلىدى ھەمدە ئەنگلىيە تەرەپنىڭ نامۇۋاپىق سۆزلىرى توغرىسىدا كەسكىن سۆزلەشتى. لېكىن ئەنگلىيە تەرەپ جۇڭگونىڭ مەيدانىغا ئېتىبارسىز قاراپ، شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرىغا توختىماي ئۇنى- بۇنى دەپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى، جۇڭگو بۇنىڭغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى ۋە قەتئىي قارشى تۇردى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: شياڭگاڭ جۇڭگونىڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا تەۋە، ھەرقانداق دۆلەت، تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق. جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداش ئىرادىسى، شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئىرادىسى، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇش پوزىتسىيەسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ. بىز ئەنگلىيە تەرەپنىڭ خاتا سۆز- ھەرىكەتلەرنىڭ ئاقىۋىتىنى چوڭقۇر ئويلىشىپ، شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرىغا ۋە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ھەرقانداق شەكىلدە ئارىلىشىشنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلىمىز.

  يەنە بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى باياناتىدا، شياڭگاڭ خەلقى تىنچ ئېتىراز بىلدۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك، نۆۋەتتە تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشى كېرەك، دېدى. بۇنىڭغا يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا باھا بېرەمسىز؟

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: «ئەگەر شياڭگاڭدا يۈز بەرگەن قانۇن چىقىرىش كېڭىشىگە زوراۋانلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئامېرىكا ياكى ياۋروپادا يۈز بەرسە ئۇلار قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ؟ ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتەمدۇ؟» كۆپچىلىك تېلېۋىزوردا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ساقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا قانۇن ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى كۆرگەن. نېمە ئۈچۈن ئوخشاش ئىش شياڭگاڭدا يۈز بەرگەندە، ئۇلار قارشى تۇرمايلا قالماستىن، بەلكى يەنە سەكرەپ چىقىپ قالايمىقان گەپ قىلىپ، قول شىلتىپ، خۇددى تىنچ ئېتىراز بىلدۈرۈش ھوقۇقىنى ئادىل تەرغىپ قىلغاندەك زورلۇق ھەرىكەتلىرىدىن ساقلىنىشنى مۇراجىئەت قىلىدۇ؟! بۇ پۈتۈنلەي ئوچۇقلا قوش ئۆلچەم قوللىنىش بولۇپ، ئىنتايىن ناچار قىلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ