مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى: يازلىق تەتىللىك تاپشۇرۇقىنى مۇۋاپىق بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك

2019.07.03 14:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يازلىق تەتىل يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى 2- ئىيۇل كۈنى ئالاقىدار ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ تىرىشىپ، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يازلىق تەتىلنى بىخەتەر، كۆڭۈللۈك ۋە ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى، بولۇپمۇ يازلىق تەتىللىك تاپشۇرۇقنى مۇۋاپىق بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ئوخشاش بولمىغان يىللىقلار، ئوخشاش بولمىغان پەنلەرنىڭ تاپشۇرۇق مىقدارى ۋە ۋاقتىنى بىر تۇتاش تەڭشەپ ۋە تىزگىنلەپ، پائالىيەتچانلىق، ئەمەلىيەتچانلىق، ئىزدىنىش خاراكتېرلىك تاپشۇرۇقلارنى بېرىشكە ئىلھام بېرىپ، ئاتا-ئانىلارنى چوقۇم بالىلارنى مەكتەپ سىرتىدىكى كۇرسلارغا قارىغۇلارچە تىزىملاتماسلىق ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى يۈكىنى يېنىكلىتىشكە يېتەكلەش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جايلار بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي تېمىلىق سىنىپ يىغىنى ئېچىش، سىنىپ كوللېكتىپى پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈش ۋە بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسىنى تارقىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، دىققەتنى چوقۇم سۇغا چۈشۈپ كېتىش، قاتناش ھادىسىسى، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ۋە تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىنى ئېلىش مۇھىم نۇقتىلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك ئەسكەرتمىسىنىڭ مەزمۇنىنى ھەر بىر ئوقۇغۇچى ۋە ھەر بىر ئاتا-ئانىلارغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەكتەپ سىرتىدا تەربىيىلەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ سىرتىدا تەربىيىلەش ئاپپاراتلىرىدا تەتىلدە قانات يايدۇرغان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پەن تۈرىدىكى كۇرسلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك. ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىكى ۋە ئالدىن تەربىيەلەش مەزمۇنى بارلىقىنى بايقىغاندا، تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىدىن دەرھال تۈزىتىشنى، تۈزىتىشى جايىدا بولمىغانلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىنى بىۋاسىتە ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، تۈزىتىشنى رەت قىلغانلارنى قانۇن ۋە بەلگىلىمە بويىچە جازالاشنى، ھەتتا مەكتەپ باشقۇرۇش ئىجازىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ