خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى يېقىندا «تېلېگراف ۋە ئالاقە تورى كەسپىنىڭ تور سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش مەخسۇس ھەرىكەت لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى. «لايىھە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: APPنىڭ قانۇنغا ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، APP نىڭ قانۇنغا ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا شەخسىي ئۇچۇرلارنى توپلاش ۋە ئىشلىتىشىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چوڭ سانلىق مەلۇماتتا تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى قوللىنىش بارغانسېرى جانلىنىپ، تۈرى مول بولغان ۋە قوللىنىش قىممىتى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان زور مىقدارلىق تور سانلىق مەلۇماتى بارلىققا كەلدى ۋە توپلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى مەسىلىسىمۇ كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتىدۇ، تېلېگراف ۋە ئالاقە تورى كەسپىنىڭ تور سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتى ئىنتايىن جىددىي بولۇۋاتىدۇ. «لايىھە»گە ئاساسەن، بۇ يىل 10- ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن بارلىق ئاساسىي تېلېگراف كارخانىلىرى، 50 نۇقتىلىق ئالاقە تورى كارخانىسى ۋە 200 خىل ئاساسىي ئېقىم تۈرىدىكى APPنىڭ سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش تاماملىنىدۇ .
«لايىھە»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئەمدى 3- تەرەپ باھالاش ئاپپاراتلىرىنىAPPنىڭ بىخەتەر دومىلىما باھالاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، تور سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى ۋە ئابۇنىچىلار ئۇچۇرىنى قوغداش جەھەتتە قانۇن ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار ساقلانغانAPP لارنى ۋاقتىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ۋە ئاشكارىلاش كېرەك. ئاساسىي تېلېگراف كارخانىلىرىنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلىرىغا قارىتا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش، ئاشكارىلاش ۋە مەمۇرىي جازا بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا قوللىنىپ، جازالاش نەتىجىسىنى تېلېگراف كەسپى تىجارىتىدىكى ناچار تىزىملىك ياكى لەۋزىدە تۇرمىغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ