مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆزىتىشى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6- ئايدا 60تىن ئارتۇق كادىرنىڭ دېلو ئۇچۇرىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى دېلو ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك ئىككى ئەمەلدارغا چېتىلغان

2019.07.03 14:31 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خاربىن شەھىرى خۇلەن رايونى رايونلۇق كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى جۇ خۇي قانۇن ۋە ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ھەمدە قارا جەمئىيەت خاراكتېرىدىكى تەشكىلاتقا «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بولۇپ بەرگەن بولۇپ، ئۇ كىشى ھازىر ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. 6- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 6 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتى مەزكۇر ئەمەلدارنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىق ھەققىدىكى شۇ ئايدىكى ئەڭ ئاخىرقى خەۋەرنى ئېلان قىلدى.

  مۇخبىر مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ «تەكشۈرۈش» سەھىپىسىنى رەتلەپ، بۇ يىل 6- ئايدا، بۇ سەھىپىدە 60 نەچچە ئەمەلدارنىڭ دېلو ئۇچۇرىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى، بۇ دېلولارنىڭ ئىككى نەپەر ئوتتۇرا دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى كادىرغا، يەتتە نەپەر مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنى كادىرىغا، ھەمدە دۆلەت كارخانىلىرى ۋە پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرىنىڭ كادىرىغا، ھەم شۇنىڭدەك ئۆلكە باشقۇرىدىغان 50 نەچچە كادىرغا چېتىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇنىڭ ئىچىدە، 40تىن ئارتۇق كىشى ئۈستىدىن تۇنجى قېتىم ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان. قالغانلىرى بولسا، ئاتتىن چۈشكەن ئەمەلدارلارنىڭ دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، بۇنىڭدىكى 15 كىشىگە پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلگەن.

  6- ئايدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان ئىككى نەپەر كادىر، يەنى مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ئەنگە ئالدۇرغان كادىر بولسا، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، كۆكخوت شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى يۈن گۇاڭجۇڭ ۋە سەنشى ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ ماۋسەيدىن ئىبارەت ئىككى كادىر. بۇ ئىككىسى ئۆلكە ۋە مىنىستىر دەرىجىلىك «يولۋاسلار» بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، يۈن گۇاڭجۇڭ ئۈستىدىن تۇنجى قېتىم ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ