خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىدە نازىر دەرىجىلىك ئىككى كادىرنىڭ ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ئېلان قىلىندى. كونكرېت مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى گاۋ جېنيۈ ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ تەكشۈرۈلدى.
نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى گاۋ جېنيۈ ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ، ھازىر ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.
گاۋ جېنيۈنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
گاۋ جېنيۈ، ئەر، خۇيزۇ، 1958- يىلى 7- ئايدا تۇغۇلغان، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاربىن شەھىرىدىن، 1976- يىلى 8- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1981- يىلى 4- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ