مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جايلار باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى

2019.07.03 13:59 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  بىر قانچە كۈندىن بۇيان، شەنشى، ئىچكى موڭغۇل، شەندۇڭ قاتارلىق جايلار ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش، مەسىلىنى بايقاش، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

  بۇ بىر قانچە كۈندە، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئەدلىيە سىستېمىسىدىكىلەرنىڭ «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش باسقۇچىغا كىردى، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئەدلىيە سىستېمىسىدىكىلەر زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا ئاساسى قاتلامدا جامائەتچىل ئادۋوكات ئاز بولۇش مەسىلىسىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. نەتىجىدىن ئايان بولۇشىچە، نۆۋەتتە پۈتۈن ئۆلكىدە كەسپىي ئادۋوكاتتىن 10620 باركەن، ئەمما ھەقىقىي قانۇن ياردىمى بېرەلەيدىغان ئادۋوكات ئارانلا 123 كەن. ئاساسى قاتلام ئاممىسىنىڭ جامائەتچىل ئادۋوكات مۇلازىمىتى بايلىقى يېتىشمەسلىك، ئادۋوكاتلار قوشۇنىنىڭ كەسپىي ئىستىل قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدىكەن. شەنشى ئۆلكىلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى جاڭ شىنچۈن بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىمىز، ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر ئىچىدىن مۇنەۋۋەر قانۇن كەسپى ئىختىساسلىقلىرىنى تاللاپ قوشۇنىمىزغا كىرگۈزۈپ، بۇ مەسىلىنى تېزدىن ھەل قىلىمىز.

  ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئۇلغاي يايلىقىدا، شۇ يەردىكىلەر پارتىيە ئەزالىرى مەركىزى ئائىلىلىرىنىڭ ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەتراپتىكى تارقاق چارۋىچىلارنى مەركەزلىك ئۆگىنىش، ئىشلەپچىقىرىشقا يېتەكلەشكە تەشكىللەپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى پائالىيىتىنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى. خالغايت دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەيدانى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ۋېي ۋېنچۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۆگىنىشنى ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، چارۋىچىلارغا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرىمىز .

  شەندۇڭ ئۆلكىسى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويدى. لىنيى شەھىرى يىمېڭ روھىنىڭ مەنبەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن باش تېما تەربىيەسىدە «قىزىل يىمېڭ» دەرسخانىسىنى يولغا قويۇپ، دىراما مۇزىكا كۆرۈنۈش تىياتىرى قاتارلىق بەدىئىي ئىجادىيەت ئۇسۇلى ئارقىلىق، پارتىيەلىك كادىرلارنى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەشكە چاقىردى. لىنيى شەھىرى لەنشەن رايونىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى چۈنجۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز سىياسىي ئەۋزەللىكنى پارتىيەۋىلىك تەربىيەسىنىڭ ئەۋزەللىكىگە، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرىمىز. بىز بۇنىڭدىن كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتىنى ئىزدەپ، كېيىنكىلەرگە ناھايىتى ياخشى ئىلھام ۋە تەسىرات ئاتا قىلىمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ