مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى چاۋشيەن، ئامېرىكا، كورېيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى ھەققىدە سۆز قىلدى

2019.07.02 16:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 1-ئىيۇل چاۋشيەن، ئامېرىكا، كورېيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۇرىشىشى ھەققىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى ئۇچرۇشۈش ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش ۋە سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  شۇ كۈنىدىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق سورىدى: چاۋشيەن، ئامېرىكا، كورېيە ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن چاۋشيەن كورېيە ھەربىيسىزلەشتۈرۈش رايونىدا تۇنجى قېتىم كۆرۈشتى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟ مۇناسىۋەتلىك ئۇچرىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن رولىنى جارى قىلدۇردىمۇ-يوق؟ كېيىنكى قەدەمدىكى ۋەزىيەتكە قانداق قارايدۇ؟

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئېن زۇڭتۇڭ ترامپ بىلەن بىرلىكتە جەنۇب-شىمال ھەربىي چېگرا سىزىقىدىن ئۆتۈپ، پانمۇنجومدا كۆرۈشتى، چاۋشيەن، ئامېرىكا، كورېيە رەھبەرلىرىنىڭ دوستانە كۆرۈشۈشىنى قارشى ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. ئالاقىدار ئۇچرىشىش ئىجابىي خاراكتېرلىك بولۇپ، ئىجابىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بولۇپمۇ چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېقىندا خىزمەت قاتلىمى كېڭىشىشىنى قايتا باشلاشنى مەسلىھەتلىشىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو بۇنى قوللايدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىزچىل يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، مەسىلىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. يېقىندا، رەئىس شى جىنپىڭ چاۋشيەندە مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولۇپ، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. چاۋشيەن، ئامېرىكا، كورېيەنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئارزۇسىغا ئۇيغۇن.

  گېڭ شۇاڭ: «ھازىرقى ۋەزىيەتتە، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بىرلىكتە ئىلگىرىلەپ، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش ۋە سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ