مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

46 نۇقتىلىق شەھەردە ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىشقا قاتناشقان ئائىلىلەر %38.3نى ئىگىلىدى

2019.07.02 16:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مۇخبىرنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ «جۇڭگو خەلق تۇرمۇشىنى تەكشۈرۈش» تېما گۇرۇپپىسىنىڭ 2018-يىلى 46 نۇقتىلىق شەھەردە ئائىلىلەرگە كىرىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىغان ئائىلىلەر %38.3نى ئىگىلەپ، 2017-يىلىدىكىدىن %11.4 ئاشقان.

  تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىش نىشانى ئېنىق بولدى، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاۋۋال يولغا قويۇلغان، ئاۋۋال سىناق قىلىنىدىغان 46 نۇقتىلىق شەھەردە ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنىدۇ؛ باشقا ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەردە جامائەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىشنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، ئاز دېگەندە بىر كوچا (باشقۇرۇش رايونى)نى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىشتا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قىلىپ قۇرۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. 2025-يىلىدىن بۇرۇن، مەملىكەت بويىچە ۋىلايەت دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى شەھەرلەردە ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنىدۇ.

  ھازىرغا قەدەر، مەركەزدىكى 134 ئورۇن، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق 27 قىسىم ۋە ئۆلكىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى؛ 46 نۇقتىلىق شەھەردە تۈرگە ئايرىپ تارقىتىلىدىغان، تۈرگە ئايرىپ يىغىۋېلىنىدىغان، تۈرگە ئايرىپ توشۇلىدىغان، تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىنىدىغان تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى تەدرىجىي بەرپا قىلىنىۋاتىدۇ، ئاشخانا ئەخلەتلىرىنى تۈرگە ئايرىپ توشۇش ئاپتوموبىلىدىن 5000ى، زىيانلىق ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ توشۇش ئاپتوموبىلىدىن 1000غا يېقىن سەپلەندى ھەمدە ئۈزلۈكسىز ھالدا 21 مىليارد 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ